خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

22-ئۆكتەبىر كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا جەمئىي 138 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىرى ۋۇ خەيلۈن باشچىلىقىدىكى 40 تىن ئارتۇق ۋەكىلىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن چۈشكەن پىكىرلەرگە قارشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرالىرىنى ئاقلىدى.

مەزكۇر يىغىن ئالدى بىلەن خىتاي ۋەكىل ۋۇ خەيلۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈستىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئۈستىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى، نۇرغۇن دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇشى، بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن نوپۇسقا ۋە 56 مىللەتكە ئىگە بولۇشىدەك مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە نۇرغۇن كەمچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇ خەيلۈننىڭ سۆزىدىن كېيىن يىغىن باشقۇرغۇچىسى سۆز قىلىش ھەققىنى نۆۋەت بىلەن ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىگە بەردى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن 50 سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە 22-چېسلادىن ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تاپشۇرغان دوكلاتىدىكى مۇھىم مەزمۇن ۋە تەكلىپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىدە خىتايدىكى پۇقرالار ھوقۇقى، ئاياللار، بالىلار، مېيىپلەر ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، پىكىر-ئاخبارات ئەركىنلىكى، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تەرەپسىزلىكى، ئىنتېرنېت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بارلىق ئامىللىرى ئۈستىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ھەرقايسى ياۋروپا دۆلەتلىرى شۇنداقلا ياپونىيەگە ئوخشاش دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر سۆزىدە، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بېسىمنى يوقىتىشقا، دىنى چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. بۇ دۆلەتلەر يەنە خىتايدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئاشكارىلاشقا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىنى، ئاخبارات-پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۈرمىلەردىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش، قىيىن-قىستاقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى.

يىغىندا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشقا دېموكراتىك ئەللەر خىتايغا قاراتقان تەنقىدىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىردەك ۋە شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالغان دۆلەتلەر بولسا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت. ئۇلار سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا، دىنى ئەركىنلىكىگە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى. مەسىلەن، چېخ ۋەكىل سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا، بۇ مىللەتلەرگە قارىتىلغان چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەرنى توختىتىشقا ھەم بۇ رايونلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كۈچ ئىشلەتمەي تۇرۇپ، دىئالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

يىغىن ئارىلىقىدا خىتاي ۋەكىللىرىگە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن چۈشكەن پىكىر-تەكلىپلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىلدى. بۇ جەرياندا ھەرقايسى خىتاي ۋەكىللەر ئوخشىمايدىغان تېمىلاردا يۇقىرىدىكى دۆلەت ۋەكىللىرىدىن چۈشكەن تەنقىدلەرگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوغدىدى. خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى تەنقىدلىرىگە جاۋاب بەرگەن خىتاي ۋەكىل بولسا خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا نۇرغۇن مەبلەغلەرنىڭ سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، خەلق قۇرۇلتىيىدا بىردەك ۋەكىللىك قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالاھىدە ئۇيغۇر ئېلىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، «ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئەڭ ياخشى بىر مەزگىلىدە» دېدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانچى تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىن ئايرىۋېلىش مەقسىتىدە قىلىنغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە بۇ تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىلگەن ۋاقىت ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىن ئۆز كۈن تەرتىپى بويىچە داۋام قىلىپ، قالغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوقۇشقا داۋام قىلدى. ئامېرىكا ۋەكىلى ئۇزرا زىيا يىغىندىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى 3 خىل تەكلىپنى بەردى. بىرىنچىسى، تەھدىت قىلىش، قورقۇتۇش ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش. ئىككىنچىسى، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ۋە خەلقئارا قانۇنلاردا بېكىتىلگەن ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈچىنچىسى، ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش.

ئامېرىكا ۋەكىلى سۆزى داۋامىدا يەنە، «بىز خىتاينىڭ پۇقرالارنىڭ يىغىلىش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنى ئەركىنلىكى ھەم ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئۈستىدىكى بېسىمىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن، شۈ جىيوڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قاراتقان تەھدىت، بېسىمىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز»، دېدى.

يىغىندا يەنە، بىرازىلىيە، ئىتالىيە، مېكسىكا، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، ئومان ۋە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولسا كۆپرەك خىتايدىكى ئاياللار ھوقۇقى، بالىلار ھوقۇقى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، مېيىپلەر ھوقۇقى ۋە ئۆلكىلەر ئارا پەرقنى ئازايتىش قاتارلىق تېمىلاردا توختىلىپ ئۆتۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى قول قويغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئوخشاش بىر قاتار ئەھدىنامىلەر بويىچە ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى.

ئەمما، بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ پاكىستان، قازاقىستانغا ئوخشاش بىر قىسىم شېرىك دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم دىكتاتور ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن 50 سېكۇنت ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش يولىدا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئاز ساندىكى نۇقسانلارنىڭ بىر پۈتۈن ياخشى ۋەزىيەتكە ۋەكىل قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. پاكىستان ۋەكىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستانچى تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

يىغىندا خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەر ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاناھلانغۇچىلار، يەنى شىمالىي كورېيەدىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىش يىغىنى 130 دىن ئوشۇق دۆلەتنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ تەنقىدلەرگە بەرگەن جاۋابلىرى بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇلار سۆزىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ شارائىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ۋۇ خەيلۈن بولسا يىغىننىڭ خاتىمە سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى پىكىر-تەكلىپلەرنى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئۇلار يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

About admin

Leave a Reply