ئۆمەر ئۇيغۇر: پاكىستاندا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھېيتلىق پائالىيىتىگە بارغان ئۇيغۇرلار ئازلىدى

پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق زىياپىتىگە بارغان ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايغان.

ئەكسىچە، «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ئۇيۇشتۇرغان قۇربان ھېيتلىق پائالىيەتكە راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى خادىملىرىنىڭ «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» دىن يىراق تۇرۇش ھەققىدىكى تەشۋىقات – تەھدىتلىرىگە ئېتىبار قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي دائىرىلىرى چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ۋە رايونلاردا كونسۇلخانا نامىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئانا ۋەتىنىدىن يىراق جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ چاغلاردا ئۇلارنىڭ بۇ خىل مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىنماقتا.

پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى نامىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى ۋە راۋالپىندى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەخمەت ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شەھەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىمۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن. خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ شەھەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ۋەخپىگە بېسىم ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە ۋەتەن زىيارىتىگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل قۇلايلىق پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىشنى ۋەدە قىلىش، ھېيت بايرام مەزگىللىرىدە كونسۇلخانا نامىدىن زىياپەت پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. ئەمما خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازلاپ، ئەكسىچە «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ئۇيۇشتۇرغان ھېيت پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلار بارغانچە كۆپىيىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ساھىبى ئۆمەر ئەپەندى، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق پائالىيىتىگە ئارانلا 14،15 نەپەر ئۇيغۇر قاتناشقانلىقىنى، ھالبۇكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كونسۇلخانا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان «خىتاي مۇھاجىرلار تەشكىلى» باشلىقىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىللىق قۇربان ھېيت پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار 70 – 80 – ئائىلىدىن ئاشقان بولۇپ، ۋەخپىدىكىلەر يەنە پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ قۇربانلىق قوي گۆشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.

پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خەيرى ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ۋە راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئەمىلى ئىشلىرى بىلەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرقەدەر يۇقىرى ئىناۋەت تىكلىگەن.

بىرقانچە يىل ئىلگىرى«ئۇيغۇر ئانا تىلى» مەكتىپىنى قۇرۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرى بىلەن تەربىيىلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئەمما، راۋىلپىندى شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» قۇرغان ئانا تىل مەكتىپىنى مەجبۇرى تاقاتقۇزۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پۇل ئاجرىتىشى بىلەن باشقا بىر مەكتەپنى قۇرغان ئىدى. ئۆمەرجان ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي كونسۇلخانىسى پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارقىلىق ۋەخپىنىڭ ئىشلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋەخپىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغىمۇ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

About admin

Leave a Reply