مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى باش مىنىستىر ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشتى ۋە تون چاپان ۋە دوپپا ھەدىيە قىلدى

16 يىلدىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئۇچراشقان مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى، باش مىنىستىر ئەردۇغانغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە تون چاپان ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى

مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئەنقەرەدە ئۇچراشقاندىن كېيىن خۇشاللىققا چۈمكەن بۇ ئائىلە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. باش مىنىستىر ئەردۇغان بۇ ئائىلىنى پارلامېنتتىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە گراژدانلىققا ئۆتكەن مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى قەشقەردىكى ئىككى پەرزەنتىنى تۈركىيىگە ئەكىلىش ئۈچۈن 10 نەچچە يىلدىن بۇيان يول ماڭغان بولسىمۇ نەتىجىسىز  قالغان، خىتاينىڭ پۈتۈن قانۇنىي رەسمىلىرىنى ئورۇندىغان بولسىمۇ خىتاي دائىرلىرى يەنىلا ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە چىقىپ كېتىشىگە روخسەت قىلمىغان ۋە پاسپورت ئىشلەپ بەرمىگەن ئىدى.

مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغاندىن قەشقەردىكى بىر ئوغۇل بىر قىز ئىككى پەرزەنتىنى تۈركىيىگە ئەكىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، باش مىنىستىر ئەردۇغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەلىمات بېرىپ، قەشقەردىكى شۇ ئىككى پەرزەتنى ئەنقەرە ئېلىپ كېلىشنى ئۇقتۇردى. تۈركىيە دىپلوماتىلىرى خىتاي دائىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق خىتاي دائىرلىرىدىن ئۇ ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي دائىرلىرى تۈركىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى بەرمەسلىككە سەۋەب تاپالمىغانلىقتىن نائىلاج ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە كېتىشىگە روخسەت قىلدى.

ئاتا – ئانىسى تۈركىيە پۇخراسى بولغان ھەمدە تۈركىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلتىش بۆلۈمىدە دىكتۇر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان مىركامىل قەشقىرى 16 يىلدىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن ئىككى پەرزەنتى ئاللاھنىڭ پەزلى مەرھىمىتى ۋە باش مىنىستىر ۋە تۈركىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيىگە ساق – سالامەت يېتىپ كەلدى ۋە ئاتا – ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى. 16 يىللىق ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى سېغىنىش پىراقى، ھەسرەتلىك ئەلەملىرى ئاخىرلاشتى. 5 پەرزەنتى بىلەن جەم بولغان مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى خۇشاللىققا چۈمدى.

مىركامىل قەشقىرى ئائىلىسى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇغانغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ۋە خۇشاللىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پۈتۈن ئائىلە پەرزەنتى بىلەن باش مىنىستىر ئەردۇغاننى زىيارەت قىلدى ۋە تەشەككۈر ئېيتتى، تون چاپان ۋە چىمەن دوپپا ھەدىيە قىلدى. باش مىنىستىر بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

 ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ بۈگۈن ئاتا – ئانىسى بىلەن جەم بولغانلىقىنى كۆرگەن باش مىنىستىر ئەردۇغان، بۇ ئائىلىنىڭ جەم بولۇشىغا ئۆزىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىدىن  خۇشال بولغانلىقىنى يوشۇرالماي تەبەسسۇم ئىچىدە ئۇلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

مىركامىل قەشقىرىغا ئوخشاش پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە سېغىنىش ۋە ھەسرەت بىلەن ئۆتىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار. خىتاي ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىغا روخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا  پەرزەنتلىرى ۋە ئاتا – ئانىلىرىنى كۆرەلمەي ھەسرەتتە ئۇتىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرەتلىرىنى ئىچىگە يۇيۇپ ياشىماقتا.  ئىنسانىي ھىس تۇيغۇدىن يىراق، رەھىم – شەپقەت قىىلىشنى بىلمەيدىغان ياۋۇز خىتايلار ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغاننى ئاز دەپ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەت قىلىشنى، ئۇرۇق – توققانلارنىڭ تېلېفۇندا بولسىمۇ ئۇچرىشىغا چەكلىمە قويۇپ، ئەركىن ئۇچرىشىىشغا روخسەت قىلمايدۇ.

مىركامىل قەشقىرى يەنە باش مىنىستىر ئەردۇغانغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ بىر مەكتۇب يازغان بولۇپ، ئۇ مەكتۈپ خەلقئارالىق ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى بولغان فېسبۇك ۋە تۋېتتىردە ئېلان قىلىندى.

مىركامىل قەشقەرلى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان رەھمەت خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان:

ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا،

قەلبىمىزدە ياشاتقان 16 يىللىق ھىجراننىڭ ئاخىرلىشىشى، ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە سىزنىڭ كۈچ چىقىرىشىڭىز بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىزگە بۇ خۇشاللىقنى بەخش قىلغان ئاللاھغا، بىزگە چۈشىمىزدىكىدەك بۇ خۇشاللىقنى بېغىشلىغان سىزگە چىڭ كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. سىز بىزگە بېغىشلىغان بۇ خۇشاللىقنى، بىزگە ئوخشاش بوينى قىسىلىپ قالغان، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈۋاتقان، يۈرەك – باغرى زەرداپ بىلەن تولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭمۇ ياشىشى ئۈچۈن چىڭ كۆڭلىمىزدىن دۇئا قىلىمىز. ئەلۋەتتە ھازىرقى خۇشاللىققا تولغان ھېسسياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. ھەي راببىمىز، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن رازى بولغىن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ئاۋازى قىلغىن، ئۇلارنى يېتىم ھىس قىلدۇرما… ئامىن.

ھۆرمەت بىلەن: مىركامىل قەشقەرلى ۋە ئائىلەسى

مىركامىل قەشقەرلىنىڭ باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان خېتىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، سول تەرىپىگە تۈركىيەنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن.

مىركامىل قەشقەرلى 1997 – يىلى سىياسى بېسىم تۈپەيلىدىن ئىككى پەرزەنتىنى قەشقەردە قويۇپ چەتئەلگە چىقىشقا مەجبۇر قالغان بولۇپ، 16 – يىلدىن بېرى كۆرەلمىگەن ئىككى پەرزەنتى بىلەن ئىككى ئاي بۇرۇن جەم بولدى.

About admin

Leave a Reply