خەۋەرلەر

ئەنخويدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى خىتاي ئۆلدى

ئەنخۇيدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىككى خىتاي ئۆلگەن ئەمما قانچە ئۇيغۇرنىڭ شەھىد بولغان ياكى يارىلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس

28 ئۆكتەبېر يۈز بەرگەن تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن  خىتايلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرلارغا دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوغلاشقا باشلىدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇەيبېي شەھىرىدىكى جيۇشىڭ ناملىق بىر توپ تارقىتىش بازىرىدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

بوشۈن قاتارلىق خىتاي تورلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، 9-نويابىر چۈش مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن، ئون نەچچە كىشى يارىلانغان.

خەۋەردە يەر ئالغان 10 پارچىغا يېقىن نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر تىجارەتچى بىلەن نەچچە ئونلىغان خىتاي ئامانلىق خادىملىرى ئارىسىدا داۋام قىلغان بۇ توقۇنۇشنى مىڭلارچە كىشى تەشۋىش ئىچىدە تاماشا قىلغان، سۈرەتلەردە ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئورۇلىۋاتسا خىتاي پۇخرالىرى ئالقىشلاپ چاۋاك چېلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

گەرچە خىتاي دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئاخباراتقا ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى دۇكىنىنى تاقاشقا زورلىغانلىقىنى، كەمسىتىپ ھاقارەت قىلغانلىقى، چەتكە قاققانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى يەنى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلىشقان.

بۇ ۋەقە 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش رىئاكسىيەلىرىدىن بىرى بۇ خىل ۋەقەلەر باشقا شەھەرلدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھوشىيار بولۇشى ۋە ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبېر ئېلىش كېرەك بولماقتا.

مىللەتلەر ئىتتىپاقى دەپ ھەر دائىم داۋراڭ سالىدىغان خىتاي دائىرىلىرىمۇ خىتايلارغا يان بېسىپ ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاققان ۋە مەسخىرە قىلغان.

يىللاردىن بىرى خىتايلار  شەرقى تۈركىستانغا چىقىپ بىمالال ئىش قىلالايدۇ، شەرقى تۈركستانغا ئاران چىققان ئاققۇن خىتايلار تۇرمۇشى بىر قانچە ئايدىلا ھاللىق سەۋىيىدىنمۇ ئېشىپ تىرىسىگە پاتماي قالىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش “ مىللەتلەر ئىتتىپاقى “ شۇئارى ئاستىدا بولىۋاتىدۇ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئاققۇن خىتايلارنىڭ نوپۇسى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 50% نى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنچە خىتايلار شەرقى تۈركىستانغا چىقىپ تېرىكچىلىك قىلسا ھېچكىم بىر نىمە دىمەيدۇ ياكى دېيەلمەيدۇ. ئەمما بىر قانچە ئۇيغۇر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا ، ئاتالمىش ”مىللەتلەر ئىتتىپاقى“ نى جار سېلىپ شوئار توۋلىغان خىتايلارنىڭ كۆزىگە سېغمايدۇ، ۋە ھۆكۈمەت – پۇقرا بولۇپ ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقىدۇ.

ئاتالمىش “ مىللەتلەر ئىتتىپاقى “ شۇئارچىسى بولغان خىتاي دائىرىلىرى مەسىلىنى ئادىللىق بىلەن ھەل قىلماي، يەنىلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان.

رەسىمدىن قارىغاندا، ھەقسىزلىقكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ يەنە ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن دېگەن ئوقۇملارغا ھۆرمەت قىلمايدىغان خىتايلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە. بىر ئۇيغۇر خىتايلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغان بولسا ئاڭسىز خىتايلاردا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدۇ ۋە پۈتۈن ئۇيغۇرلاردىن ئىنتىقام ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ تارىختىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلدى. مەيلى دۆلەت ئەمەلدارلىرى بولسا مەيلى ئاددى پۇقرالىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئېڭىدا باشقا مىللەتلەرگە گۇمان ۋە دۈشمەن كۆز بىلەن قارايدىغان ئاڭسىز مىللەت. ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىش خىتايلارنىڭ مەدەنىيتىدە يوق، خىتايلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋەھشىيىلىك ۋە ياۋۇزلۇقتىن ئىبارەت بولۇپ، ھايۋانلارغىمۇ ئىچ ئاغىرىتماستىن تىرىك ھالدا ئوتتا پۇشۇرۇپ يەيدىغان مەدەنىيىتى بار مۇشۇنداق ئىپلاس بىر مىللەتتىن شەپقەت كۈتمەستىن ئۇلاردىن ئۇزاق بىر يەرلەردە ياشاش ئەڭ ياخشى ۋە تىنچلىق ھاياتتۇر.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close