خەۋەرلەر

سېرىقبۇيا ۋەقەسى ۋە سېرىقبۇيا بازىرىدىن كۆرۈنۈشلەر

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرى ۋەتىنىمىزنڭ ئەڭ ئاۋات ۋە چوڭ بازارلىرىدىن بىرى بولۇپ، سېرىقبۇيىنىڭ 50 مىڭ نوپۇسى بار ئىكەن، نوپۇسىنىڭ يۈزدە 99% ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ مارالبېشى ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 85 كېلومېتىر. قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 250 كېلومېتىر. ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1320 كېلومېتىر. بۇ يېزىنىڭ خەلقى دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك، مىللىي ئالاھىدلىككە ئىگە خەلق بولۇپ، 4 – ئايدا بۇ بازاردا  بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ھۇجۇم خاراكتېرلىق جىھادىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ۋەقەدە 17 خىتاي ساقچىسىنى جەھەننەمگە يولغا سالغان ئىدى.

بۇ قېتىم يەنە 16 – نويابېر كۈنى سېرىقبۇيىدا 9 نەپەر ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ساقچلىرى تەرىپىدىن قانخورلارچە ئېتىپ تاشلاندى ۋە ھەممىسى نەخ مەيداندا شەھىد بولدى. خىتايلار بۇ ۋەقەنى ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، 2 ساقچى ئۆلگەندىن كېيىن ھۇجۇمچىلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ دېيىشىچە بۇ ۋەقە دەسلەپتە خىتاينىڭ ناھەق بېسىملىرىغا قارشى بىر گۇرۇپ كىشىلەر نامايىش قىلغان بولۇپ، تىنچلىق ئۇسۇل بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭغا قارشى چىققان خىتاي ساقچلىرى ئۇلارنى تۇتۇپ قاماش ئىمكانىي تۇرۇپمۇ ھەممىسىگە ئوق ئېتىپ شەھىد قىلغان. يەنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ۋەھشىيلارچە ئۆلتۈرگەن. خىتاي ساقچىلىرى شەرقىي تۈركسىتاندا بۇ خىل چوڭ – كىچىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ھامان بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ،  ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش باستۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت بىلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە تۈرمىگە قامايدۇ.

ئىشغالچى خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركسىتاندا باستۇرۇش، قىرغىنچلىق قىلىش، ناھەقچىلىك ۋە بېسىم قىلىشنى توختاتمايدىكەن ۋىجدانلىق ئۇيغۇر خەلقى قارشىلىق قىلىشنى داۋام قىلىدۇ ۋە ئاخىرى بىر كۈنى زالىم خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن يوق قىلىپ ئازاتلىققا ئېرىشىدۇ ۋە مۇستەقىل دۆلەت قۇرىدۇ. 

م. بايتاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close