خەۋەرلەر

ئىسپانىيە سوتى خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

 

ئىسپانىيە سوتى خىتاينىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن 6 كىشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلار ھەققىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتى 18-نويابىر كۈنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان خىتاي ئەمەلدارلىرى، خىتاينىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە جاڭ زېمىن، سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ، چاۋ شى قاتارلىقلار شۇنداقلا ئىلگىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن چېن كۇيۈەن، دېڭ دېلۈن قاتارلىقلار.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا قانخورلۇق بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن خىتاينىڭ رايوندىكى سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۈستىدىنمۇ چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى ئىسپانىيە سوتى ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنغان.

بۇندىن 2 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيە سوتى خۇ جىنتاۋ، جاڭ زېمىن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسپانىيە سوتى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسپانىيە سوتى سەيشەنبە كۈنى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارنى تىبەت خەلقى ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئىسپانىيە سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز ئىسپانىيەنى بۇ ناتوغرا ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشكە ۋە خىتاي-ئىسپانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سېلىۋاتقان تىبەت بۆلگۈنچىلىرىنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويماسلىققا چاقىرىمىز.

ئىسپانىيە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار سوتى ئۇنىۋېرسال ئادالەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئىسپانىيەدىكى تىبەتنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلار خىتاي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغان.

مەزكۇر سوت ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا 10 يىل قان ئىچكەن ۋاڭ لېچۈەن ئۈستىدىنمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

بۇ بىر ياخشى ئىلگىرلەش، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى سوت مەھكىمىگە، خىتاي كاتىباشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم، زۇلۇم ۋە قەتلىئام قىلمىشلىرى توغرىسىدا دەلىل ئىسپات توپلاپ سوتقا ئەرز سونۇش كېرەك. بۇ خىل يول ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئېتىبارىنى يوققا چىقارغىلى ھەققىي زالىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغىلى بولىدۇ ۋە تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان دۆلەتكە زىيارەتكە بارالمايدۇ، بەلكى ھوشۇنى يىغىپ بۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇم قىلىشتىن تەپ تارتىدۇ ياكى  ئازايتىدۇ.

مۇسا بايتاش

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close