خەۋەرلەر

باش مىنىستىر ئەردۇغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان رۇسىيە زىيارىتى جەرىيانىدا، رۇسىيىدىن، تۈركىيىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردۇغان رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن بىلەن پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – رۇسىيە 4 – قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر ئىستىراتېگىيىلىك كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ جەرىيانىدا ئىككى تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا – تىجارەت مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

كېيىن باش مىنىستىر ئەردۇغان، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

سۈرەت: دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم قانال ئا تېلېۋىزىيەسىدە ئەردوگاننڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدا توختالدى. 2013-يىلى نويابىر، تۈركىيە.

ئەردۇغان سۆزىدە، 2012 – يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى تىجارەتنىڭ 35 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئەمما 2013 – يىلى بۇ رەقەمنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە « ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىرادە، 2020 – يىلى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشانلاندى. ئوخشىمىغان ساھەلەردە بېسىلىدىغان قەدەملەر ئۈچۈن بۇ نىشانغا يېتىشتە ئالدىمىزدا ھېچ قانداق توسالغۇ يوق»، دېدى.

مەدەنىيەت ساھەلەردە پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەردۇغان، «ئەنقەردە رۇسىيىگە ئائىت بىر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى، موسكوۋادا يۈنۈس ئەمرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى كۈنتەرتىپىمىزدە»،دېدى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى سۈرىيە مەسىلىسى ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، تىجارەت ھەجىمىنى ئاشۇرۇش، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت مىقدارىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش، ئورتاق ماشىنا ياساش، مەدەنىيەت جەھەتتە ھەر ئىككى دۆلەتتە مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش، 2020 – يىلى دۇنيا سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىدا رۇسىيىنىڭ ئېكاتېرىنبۇرگ شەھىرى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىزمىر شەھىرىنىڭ نامزاتلىق رىقابىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە بۇ نوقتىلاردا مۇۋاپىق كۆرۈلگەن ساھەلەردە كىلىشىم تۈزۈپ ئىمزالاشقان.

مۇخبىرلارغا جاۋاپ بېرىش جەرىيانىدا، ئەردۇغان ، تۈركىيىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «مەن دەيمەنكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كېلىڭلار! تۈركىيىنى قوبۇل قىلىڭلار، بىزنى بۇ مەسىلىلەردىن قۇتۇلدۇرۇڭلار، بىز بۇنىڭ بىلەن ياۋروئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئالاقىدار ئەركىن سودا – تىجارەت كېلىشىمىگە قوشۇلىمىز، بىز بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىمىز»، دېدى.

ئەمما بۇ ھەقتە رۇسىيە دۆلەت رەئىسى پۇتىن ھېچ قانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

باش مىنىستىر ئەردۇغان سۆزىدە، تۈركىيىنىڭ يۈزدە 56% تەبىئى گاز ئېھتىياجىنى رۇسىيىدىن ئېلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە بىلەن شۇئان يىللىقى 36 مىليارد دوللار مىقدارلىق تىجارەت بولىۋاتقانلىقىنى، 2020 – يىلىغا بارغاندا بۇ مىقدارنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگەللىنىشىچە، 28- 29 – نويابېر كۈنلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى تاشكەنتتە ئېچىلىدىكەن، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي بىلەن رۇسىيىنىڭ پېتىربۇرگ پورتىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇىدىغان يېڭى قورۇقلۇق يولىغا ئالاقىدار كېلىشىمگە ئىمزا قىلىش پىلانلانغان، ئەمما خىتاي مەركىزى خەلق رادىئوسىنىڭ تۈركچە بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش، بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىش توغرىسىدا بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مەركىزى كومتېتى سىياسىي ۋە قانۇن كومتېتى سېكرىتارى مىن جىيەنجۇ 31 – ئۆكتەبېردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كومتېتىغا تىيەنئەنمىن ۋەقەسى توغرىسىدا دوكىلات سۇنغان ۋە خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشىى ھەرىكەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتايغا ھەمكارلىشىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تۈركىيىنىڭ ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىشىنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسىسلەر قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا 50 يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن نامزات بولۇپ كۈتۈپ تۇرىۋاتقان تۈركىيىنىڭ قانداق بولۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدۇ؟ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى مۇمكىن بولامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكىرلىرىگە دىققەت بېرەيلى.

باش مىنىستىر ئەردۇغاننىڭ بۇ چاقىرىقلىرىدىن كېيىن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بۇ ھەقتە ماقالىلار ئېلان قىلىندى.

ھۆررىيەت گېزىتىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە – خىتاي تىركىشىشى ۋە تۈركىيىنىڭ ۋەزىيىتى دېگەن تېمىدىكى ماقالىدا، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى نېفىت ۋە تەبىي گاز بايلىقلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىق كۈرسىتىۋاتقانلىقى ئىپادىلگەن ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ ھەقتە خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەش مەقسەتتە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىقتىسادىي ساھەدە ياۋرو- ئاسىيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەشكىلاتى، ۋە بىخەتەرلىك ساھەدە كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى قۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە بىلەن خىتاي، تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى ۋە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چەمبىرىدە تۇرۇپ ئامېرىكىنى ئاسىيادىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئوخشاش بىر مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان ۋە ناتو ( شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نىڭ ئەزاسى بولغان شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق نامزاتى بولغان تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدا يەنە تۈركىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولالمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيىلگەن: رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەقسىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چەمبىرى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرىنى كۈچلەندۈرۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشلىقى بولغان تۈركىيىنىڭ بۇ تەشكىلاتغا ئەزا بولۇشى بىر پاستىنى ئۈچكە بۆلگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ پاستىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق.

ماقالىدا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۈزەتچى ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قارا تىمىزلىكگە ئېلىنغان دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى كۈرۈلمەكتە، ئاساسلىق ئەزاسى بولغان رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان ۋە كۈزەتچى ئەزا ئىران بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، غەرب ئەللىرى تەرەپتىن ياۋرۇپانىڭ دىكتارتۇلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ياۋروپا دۆلىتى دەپ باھا بېرىلگەن بىلارۇسىيەنىڭمۇ بۇ تەشكىلاتقا كۈزەتچى ئەزا سالاھىيىتى بىلەن ئەزا بولىدىغانلىقى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسەتلىرى توغرىسىدىكى شۈبىھىنى ئاشۇرىدۇ. تۈركىيىنىڭ مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتقا قانچىلىك ئېھتىياجى بارلىقىنى ياخىشى ئويلىنىش كېرەك.

رادىكال گېزىتىدە، ئەردۇغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى قىيىنچلىقىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش چارە بولامدۇ؟ دېگەن ماقالىدا، ئەردۇغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئايرىم ئىككى دۇنياغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ھەتتە ئۇلارنىڭ بىر – بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتىقاندا تۈركىيىنى 50 يىلدىن بۇيان ساقلىتىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ بۇنىڭ چارىسىنى ياۋروپانىڭ دىموكراتىيە قىممەت قارىشىدىن ئۇزاق بولغان دىكتاتۇر دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىزدەش، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قۇرال ياساش شېركەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتتە خىتاينىڭ بومبا قالقان سېستىمىنى سېتىۋېلىشنى ئېلان قىلغانغا ئوخشاش كۇزۇر بىلەن رىقابەتنى قىزىتىشقا ئوخشىمايدۇ.

ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تۈركىيىنىڭ ئەزالىق تەلىپىنى رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ھەر زامان بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، بۇنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار، بۇنىڭ بىرى بولسا: تۈركىيىنىڭ ناتو ئەزاسى بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش نامزاتلىقى، ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي تۈركىيىنىڭ ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرىدۇ.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close