خەۋەرلەر

يېڭى ئاكىت گېزىتىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىرى توغرىسىدا ئوبزۇر

يېڭى ئاكىت گېزىتىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىرى توغرىسىدا ئوبزۇر ئېلان قىلىندى

يازغۇچى فارۇق كۈسە

يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 2013- يىلى 12-ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى سانىدا يازغۇچى فارۇق كۈسەنىڭ بىر ئوبزۇرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئوبزۇردا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئومۇمىيۈزلۈك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىستىراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فارۇق كۈسە بۇ ئوبزۇردا، دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچىرىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قاتاردا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭمۇ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان.

ئوبزۇردا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا قەتلىئام يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، خىتاي ساقچىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ 8 ياشلىق قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. ئاياللارنىڭ چۈمبەل كىيىشى، ئىسلامى كىيىم كىيىشى چەكلەندى. ئىسلامىي كىيىم كەيگەن ئاياللارنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىدا سەپەر قىلىشى چەكلەندى. دوختۇرخانىغا كىرىشى، تاكسىغا ياكى ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇشى، ماي قاچىلاش ئورۇنلىرىغا، تاللا بازارلارغا كىرىشى چەكلەندى. يۈزىنى يۈگىگەن ئاياللارنى يا تۈرمىگە قامايدۇ ياكى ئىقتىسادى جازاغا ھۆكۈم قىلىدۇ.  كوچىلاردا تېرورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي، 18 ياشتىن كىچىك ئۇيغۇرلارلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنى ۋە جامى، مەسچىدلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەيدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئۇيغۇرلارنى چەكتە قېقىپ، يەكلەپ كېلىۋاتقان،  ئاڭسىز خىتاي كومۇنىسىت ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى دۇنيا جامائىتى چۈشىنىپ يەتتى. خىتاي بۇ خىل ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىدىن ۋاز كەچمەيدىكەن ئىسلام دۇنياسى، تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غەزەپ – نەپرەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خىتاي زۇلۇمى ۋە زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەر داۋام قىلىدۇ.

 مۇسا بايتاش

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close