خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان قىزلارغا قارشى ئىدىيە بۇراش سىياسىتىنى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇرماقتا

شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دېنى ئېتىقادى ۋە مىللى ئېڭىغا بارلىق ئاماللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمان قىز – ئاياللىرىنىڭ ئورىنىشىغا قارشى سىياسىتىنى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇرماقتا.

ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى فىسبۇكتا تارقىتىلغان ئارال يېزىلىق ئاتالمىش بىرلىكسەپ دىن خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپىسىنىڭ  بىر سۈرەتلىك ئۇقتۇرۇشدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئورانغان ئۇيغۇر قىز – ئاياللارنى ئاتالمىش “ ئىدىيىۋى تەربىلەش “ كۇرسىغا تىزىملاشنى، يۇزىنى ئېچىۋىتىش ۋە بۇندىن كىيىن يۈزىنى يۆگىمەسلىككە يازما  كاپالەت بىرىشكە مەجبۇرلاشنى ئۇقتۇرغان.

ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئورانغان ئاياللاردىن يۈزىنى قايتا يۆگىمەسلىككە يازما كاپالەتنامە ئالغان ۋە كىيىن ئۇلارنىڭ ئاتالمىش زامانىۋى مەدىنىيەت تەربىيىسىگە قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاتالمىش زامانىۋى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم –كىچەك مەدىنىيىتى بويىچە كىيىنىپ ئىسلامى كېيىملەردىن ئادا- جۇدا بولۇشىنى تەرغىپ قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئەگەر ئورانغان ئاياللار  ئىسلامى كېيىملىرىدىن ئادا- جۇدا بولغان بولسا، ئۇلارغا مەخسۇس ئىسپاتنامە بىرىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ مەزكۇر ئاتالمىش “ ئىدىيىۋى كۇرسى“ غا كەلمىسە، قايتا – قايتا كۇرسقا چاقىرىلىپ 7 كۈندىن 15 كۈنگىچە مۇنتىزىم تەربىيەلىنىدىغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىنمۇ قاتناشمىسا ئىپادىسى ياخشى بولمىغان جاھىل دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە دىنى ئەسەبى ئىدىيىسىنىڭ 68 تۈرلۈك ئىپادىسىگە چۈشىدىغان ئائىلە قاتارىدا دىلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.

شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللى ۋە دىنى ئېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە قالايمىقانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان خىتاي ئىشغالچى دائىرىلىرى، بەزى ئىككى پۇتلۇق مەلئۇنلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، يېرىم – يالىڭاچلىقنى زامانىۋى مەدىنىيەت دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرەپ- نۇمۇسى، شەرمى – ھاياسى، مىللى ۋە ئىمانى غۇرۇرى بىلەن ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ ھەقىقى ئانىلىرى بولغان ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىغا قارشى ئىدىيىسىنى بۇراش سىياسىتىنى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇرماقتا.

مۇسلىم

About admin

Leave a Reply