خەۋەرلەر

تۈرك ياشلارغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكىلات بېرىلدى

ئىستانبۇلدىكى يەتتە ھىلال جەمىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

2013- يىلى 12- 8- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرىپىگە يەرلەشكەن ئۈسكۈدار ناھىيەسىدىكى يەتتە ھىلال جەمىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى، يېغىننى يەتتە ھىلال جەمىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا ۋە كاپكاسىيە رايونلىرى مەسئۇلى ئالتاي ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن 1980- يىللىرىدا غولجىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن فەرھات پوسما ئائىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىش جەريانىدا يولۇققان جاپا – مۇشەققەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سوئال – جاۋاب شەكلىدە تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى، 30 غا يېقىن ئالىي مەكتەب ئوقۇغۇچىسى بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى تارمىقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشىرىياتى تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇسسالام تەكلىماكان، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سورالغان خىلمۇ – خىل سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close