خەۋەرلەر

قەشقەردىكى خىتاي زوراۋانلىقىدا 14 ئۇيغۇر يەنە شەھىد بولدى

ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيتىۋاتقان ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى قەتلىئام قىلىشنى داۋام قىلماقتا.

15-دېكابىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 11:00 ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق سايباغ يېزىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشتا ئىككى ساقچى ئۆلگەن، يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن 14 نەپەر كىشى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى نەپىرى تىرىك تۇتۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كەچ سائەت 11 لەر ئەتراپىدا سايباغ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئاتالمىش «گۇمانلىق جىنايەتچىلەر» نى تەكشۈرۈشنى بانا قىلىپ،  سايباغ يېزىسىنىڭ گۈلچىمەن كەنتى 1-ئەترىتىدە ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشنى داۋام قىلدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە ساقچىلار بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن. كىملىكى نامەلۇم بولغان ھۇجۇمچىلار پارتلىغۇچى بۇيۇملار ۋە پىچاق بىلەن ساقچى تەرەپنىڭ شىددەتلىك ئوق يامغۇرىغا تاقابىل تۇرغان. قوللىرىدا ھېچ قانداق قۇرال بولمىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلاردىن 14 كىشى نەخ مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قانخورلۇقتا چېكىدىن ئاشقان خىتاي جاللاتلىرى ئۆلتۈرمەستىن تۇتقۇن قىلىش ئىمكانى تۇرۇپمۇ، قارا – قۇياق ئوق ئېتىپ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.

دۈشەنبە كۈنى خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بۇ قانلىق ۋەقە تېررورچىلارنىڭ جەمئىيەتكە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارا قىلدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇيغۇرلار تېرورچى ئەمەس، تېرورچى دېگەن قۇلىدا قۇرال يوق بىگۇناھ ئىنسانلارنى گۇرۇپ – گۇرۇپ ھالدا ئۆلتۈرىۋاتقان ئىشغالچى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دەل ئۆزلىرى تېرورلۇق، زوراۋانلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

دۈشەنبە سەھەردىن باشلاپ بۇ ۋەقە ب ب س، س ن ن ۋە «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغاچقا، دۇنياۋى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى پەقەتلا خىتاي تەرەپ تەڭرىتاغ تورىدا ئېلان قىلغان قىسقا خەۋەردىكى مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنگەن.

بۇ ۋەقە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى. ئەمما خىتاي ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ۋەقەنىڭ ھەقىقى كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئاشىكارىلانغان تەقدىردە خىتاي جاللاتلىرىنى قانخورلۇقى پاش بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ۋەقە توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ياكى كۆرۈنۈشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارمىدى.

زالىم خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەتمىگىچە بۇ خىل ۋەقەلەر توختىماي داۋام قىلىدۇ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى چوقۇم بىر كۈنى مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالىدۇ.

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close