خەۋەرلەر

«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى

«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» خىتاينى ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى

مىسىرلىق دىنىي ئۆلىما شەيخ يۈسۈپ ئەل-قاراداۋى رەھبەرلىكىدىكى «خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» خىتاينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر ئورگان بۇ چاقىرىقنى 7‏-دېكابىر قاتار پايتەختى دوھادا ئېچىلغان قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىغان قارارىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا، مۇسۇلمان ۋە غەيرىي مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىننىڭ قارارىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا داۋاملىق ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىۋاتقانلىقى، يۇرت ماكانلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

«خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى» 2004‏-يىلى لوندوندا قۇرۇلغان ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ مۇستەقىل ئورگىنى. مەزكۇر ئورگاننىڭ رەھبىرى ئەل-قاراداۋى 2009-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىققا ئۈندىگەن.

ئۇ ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، خىتاي ئۇنىڭ نىڭشا، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلارنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىگە رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close