خەۋەرلەر

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا ئادەم تۇتۇشنى داۋام قىلماقتا

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئالاقىدار يەنە 6 كىشىنى قولغا ئالغان

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى كوناشەھەرنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئالاقىدار يەنە 6 كىشىنى قولغا ئالغان. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، گۇماندارلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى، قولدا ياسىغان قورال ۋە پىچاقلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنى باھانە قىلىپ، قالايمىقان ئادەم تۇتۇشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئىسپاتسىز ھەمدە ھېچقانداق مۇستەقىل ئۇچۇر مەنبەسى يوق بىر شارائىت ئاستىدا بۇ كىشىلەرنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

15-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى كېچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ئىككى نەپەر ساقچى ۋە 14 نەپەر ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ تېررور گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەت پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار نەتىجىسىدە، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 14 كىشىنىڭ 6 نەپىرىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە يەنە تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بارلىقى، 20 دىن ئارتۇق بالىنىڭ يېتىم قالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close