خەۋەرلەر

قۇددۇس تېلېۋىزىيە قانىلىدا ھەر ھەپتىدە 2 سائەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلىشقا باشلىدى

شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال تېلېۋىزىيە تەشۋىقات مەركىزى قۇدۇس تېلېۋىزىيىسىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىلىشقا باشلىدى

يىللاردىن بىرى ئەڭ قاتتىق ئىزىلىشكە دۇچار بولغان، كىشىلىك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغان، لېكىن بۇ زۇلۇم – ئىسكەنجە ۋە ئېغىر ھاقارەتلەرنى خەلقاراغا ئاڭلىتالماي كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستىقلال تېلېۋىزىيە تەشۋىقات مەركىزى ئارقىلىق قۇدۇس تېلېۋىزىيىسىدە رەسمى ئاڭلىتىلىشقا باشلىدى.

ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 08:00 دىن 10:00 غىچە بولغان ئىككى سائەتلىك شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پروگراممىسى تۈنۈگۈن 25- دېكابىر چارشەنبە كۈنى كەچ ، بەلىگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇدۇس تېلېۋىزىيىسىدە ئاڭلىتىلدى.

25-دېكابىر چارشەنبە كۈنىدىكى ئىككى سائەتلىك شەرقى تۈركىستان پروگراممىسىدا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى. پروگراممىغا قۇدۇس تېلېۋىزىيىسى سۇنغۇچىلىرىدىن مۇستاپا ئۇزۇن رىياسەتچىلىك قىلدى.

شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەر ھەپتىنىڭ ھەر چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 10 غىچە تۈركچە ئاڭلىتىلىدۇ،  كىچە سائەت 12:00 دىن بىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىلىدۇ. ئىستىقلال تېلېۋىزىيە-رادىئوسىنىڭ ھەپتىلىك خەۋىرىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قۇدۇس تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ دېققىتىگە سۇنۇلىدۇ.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستىقلال تېلېۋىزىيە تەشۋىقات مەركىزى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن يېقىندا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقاراغا سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇدۇس تېلېۋىزىيىسىدە ئاڭلىتىلغان ھەر چارشەنبە كۈنىدىكى ئىككى سائەتلىك پروگراممىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە خالىسانە دۇئا قىلىشلىرى بىلەن ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغان مەخسۇس تېلېۋىزىيە قانىلى خىزمەتكە چۈشكۈسىدۇر.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close