خەۋەرلەر

«ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

«ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا چوڭ بىر كرىزىست يۈز بېرىش ئېھتىمالى بەك يېقىن. ئامېرىكا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى ئۆزىنىڭ يەر شارى سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ ئالدىنقى پىلانغا قويغان. بۇ ۋەزىيەتنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كىلىنتونمۇ تەكىتلىگەن ۋە 21‏- ئەسىرنى «ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەسىرى» دەپ ئىپادىلىگەن. بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆزىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە چىگىرا سىزىقىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە بىلەن تالاش – تارتىشتا قالغان ئاراللارنى ۋە خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ بىر قىسمىنى ھاۋا مۇداپىئە چىگىرا سىزىقى ئىچىدە كۆرسەتكەن. ياپونىيە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە چىگىرا سىزىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە قىزىل سىزىقنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى قىزىل سىزىقلاردىن ئۇچۇرۇپ خىتايغا ھەيۋە قىلدى ۋە خىتاينىڭ ھاۋادىن مۇداپىئە چىگىرا سىزىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكياندا، خىتاي بىلەن ياپونىيە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا، خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيە ۋە بىر قسىم ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا پات – پات ھاۋادا ۋە دېڭىزدا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلار ۋە پاراخۇتلار بىلەن ھەيۋە قىلىش ۋە ھەربىي سۈركۈلۈش يۈز بەرمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستىراتېگىيە – تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئىستىراتېگىيە ۋە تەتقىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ قېتىم «ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي بىلەن ياپونىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈشلەر» دېگەن تېمىدا مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىغىندا ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىدۇ. پۈتكۈل قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى

ۋاقتى: 2013- يىلى 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شەنبە كەچ سائەت 18:30 دا.

ئورنى، زەيتىنبۇرنۇدىكى دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا.

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 02125232877

\05368354523

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close