خەۋەرلەر

دۇنياغا كۆز ئاچمىغان 6 نەپەر بوۋاق كېرىيە نۇرلۇق دۇختۇرخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈپ ئېلىۋېتىلگەن

خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسى ئارىش يېزىسىدا ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن.

ئىگەللىنىشىچە، 27- دېكابىر جۈمە كۈنى كەچتە خوتەن كېرىيە ناھىيە ئارىش يېزىسىدا، تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان 6 نەپەر بوۋاق كېرىيە نۇرلۇق دۇختۇرخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈپ ئېلىۋېتىلگەن.

ئۇچۇردا يەنە، مەجبۇرى ئېلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنىڭ ئىچىدىن 9 ئايلىق بولغان ئىككى بوۋاق چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كىيىن مىدىرلىغان بولسىمۇ، بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسىنى قىلغان دۇختۇرنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر ئۇچۇردا يەنە، مەزكۇر يېزىنىڭ ئاۋەت ئىسىملىك ئايال يېزا باشلىقى بىلەن ئالىم ئىسىملىك كەنت قانۇن باشلىقىنىڭ بىرلىشىپ، شۇ يېزا تەۋەسىدىكى ھامىلدار ئاياللارنى مەجبۇرى يىغقانلىقى، بايراق (ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرگەن) كىشىلەردىن 20000 دىن 30000 يۈەنگىچە پۇل بەرگەنلىرىنىڭ بالىلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقى، ئىقتىسادى شارائىتى يوق پۇل بىرەلمىگەنلەرنىڭ بالىسىنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى دەپ مەجبۇرى ئېلىۋەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

مۇشۇنداق زۇلۇم ئاستىدا تۇرۇپمۇ بىز ھۆر دەپ جار سېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىمانى قەيەرگە كەتتى؟ دەپ سۇئال قويۇلغان ئۇچۇردا، 2012- يىلى مەزكۇر يېزا تەۋەسىدىكى پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلەرگە 28 مىڭدىن 100 مىڭ يۈەنگىچە جېرىمانە قويۇپ مەجبۇرى قول باستۇرۇلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 8 نەپەر دېھقاننىڭ قويۇلغان جېرىمانىنى تۆلىمىدى دەپ سولاپ قويۇلغانلىقى، پۇل تۆلىگەنلەرنىڭ قۇيۇپ بىرىلگەنلىكى، پۇلى يوقلارنىڭ ھازىرغىچە سولاقتا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە يەنە بۇ يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق ئاياللارنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئىستىلال رادىئوسى مۇسلىم خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close