خەۋەرلەر

خىتاي يەنە 8 ئۇيغۇرنى قەتلى قىلدى

قەشقەر يەكەن ناھىيىسىدە 8 ئۇيغۇرنى ئېتىپ شېھىت قىلدى

رېۋىترىز ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن 31- دېكابىر سەيشەنبە كۈنى، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى دېنى رادىكاللىقنى تەشۋىق قىلىش ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ھۇجۇملار بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن تۆھمەت بىلەن 9 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل باھانە –سەۋەپلەر بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى يۇقۇتۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلىرى تۈنۈگۈن 30- دېكابىر دۈشەنبە كۈنى، قەشقەر يەكەن ناھىيىسىدە 8 ئۇيغۇرنى ئېتىپ شېھىت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن نۇيابىر ئېيىدىن بىرى شېھىت قىلىنغان شەرقى تۈركىستان ئوغلانلىرىنىڭ سانى 35 كە يەتتى.

خىتاي شىنخوا ئاخباراتى تۈنۈگۈن دۈشەنبە كەچلىك خەۋىرىدە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ئوسمان بارات ۋە ئابدۇلغېنى ئابدۇلقادىر باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپنىڭ پاش بولغانلىقى ۋە بۇ گۇرۇپنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ دېنى پىكىردىكى جىھادى سىنئالغۇلار كۆرۈپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي شىنخوا ئاخباراتى شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ، مەزكۇر گۇرۇپنىڭ پۇل-مال يىغىش ئارقىلىق كىلەركى ھۇجۇملاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن پارتلاتقۇچ بومبا ياسىغانلىقى ۋە ياسىغان بومبىلىرىنى سىناق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بەزى ئاخبارات دوكلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقى تۈركىستاندا ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ ھازىرغىچە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى ھۇجۇملاردا خىتاي دائىرىلىرى ساقچى باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 91 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن قەشقەر ئەتراپىدىكى بىر قېتىملىق ۋەقەدە خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلىرى 14 نەپەر ئۇيغۇرنى نەخ مەيداندا ئېتىپ شېھىت قىلدى، مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرىدىن 2 نەپىرى ئۆلتۈرۈلدى.

تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا يۈزگۈزىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى مەيدانغا كىلىۋاتقان جىھادى ھەرىكەتلەرنى، قىلىپلاشتۇرۇۋالغان ئادىتى بويىچە ئاتالمىش دىنى رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا دۆڭگەپ كەلمەكتە.

مۇسلىم

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close