گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2014 – يىلىنىڭ تۈنجى خوش خەۋىرى
گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە 10 يىلدىن بۇيان ناھەق يېتىۋاتقان ئەڭ ئاخىرىقى ئۈچ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ بۈگۈن سىلىۋاكىيىگە يۆتكەلدى يەنى ئەركىنلىككە چىقتى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 2014-يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، سىلوۋاكىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇرنى دۆلىتىگە قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىلوۋاكىيە تۈنجى قېتىم 2010 –گۇئانتانامۇدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ كىشىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىككىنجى قېتىم گۇئانتانامۇ مەھبۇسلىرىنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەپ كېلىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۇزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ كېلىشىم گۇئانتانامۇدىكى تۈرمىنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىشىنى مەقسەت قىلغان.
سلوۋاكىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، دۆلىتىگە يۆتكەپ كەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەمما ئۇلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن جىنايەت ئارتىلمىغان بىگۇناھ كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكا پرېدزېندتى ئوباما ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇئانتانامدىكى مەھبۇسلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەن يۆتكەن ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇنى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى قىزغىن قارشى ئالغان ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
قانۇنى چەكلىمىگە كەڭچىلىك قويۇلغان بولسىمۇ مەجلىس، مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكا چىگىراسى ئىچىدە فېدرال سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىشىنى چەكلىگەن قانۇننى بىكار قىلمىغان. بۇ چەكلىمە 158 كىشىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان سوتقا چىقىرىلماستىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىغا سەۋەب بولماقتا ۋە گۇئانتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاشتا ئەڭ چوڭ توسالغۇ دەپ قارالماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېرورچى دەپ قارىلاپ، ئەيبلەپ دۇنياغا يامان كۆرسىتىشكە ئورنىۋاتقان بىر پەيتتە گۇئانتامۇدىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ بىگۇناھ دەپ قويۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خوش خەۋەر بولسا، ئىىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىدىغان مۇھىم بىر ئۇچۇر ۋە ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا ئۇيغۇرلارنى تېرورچى دەپ ئەيبلىمەسلىك ۋە خىتاي شۇنداق قارىلىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ سىگىنالى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2014 – يىلىنىڭ ياخشى باشلانغۇچ بولغانلىقىنىڭ خۇش – بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2014 – يىلىنىڭ تۈنجى خوش خەۋىرى بولغان بۇ خۇشاللىقنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مۇۋاپىق كۆردۈم.
د ت سام (DTSAM) خەۋىرى