جەمئىيىتىمىزدە ئايلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ھەر قانداق بىر ئىشقا نىسبەتەن ئېنىق بىر كۆز قاراش بىلەن  ئېنىق بىر چۈشەنچە بىلەن يولغا چىقىش كېرەك

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش يىغىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئايلىق ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنى، 2014-يىلى 1- ئاينىڭ 3 – كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم «ئىسلام دىننىڭ ھايات تەسەۋۋۇرى»  دېگەن تېمىدا توختالدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار چۈشىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە ساھەلەرنى جىددى چۈشىنىۋېلىشى پىكىر – قاراشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى،  زېھنى ئوچۇق بولۇشى كېرەك.  ھەر قانداق بىر ئىشقا نىسبەتەن ئېنىق بىر كۆز قاراش بىلەن  ئېنىق بىر چۈشەنچە بىلەن يولغا چىقىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بەزى مەسىلىلەردە چىگىشلىك قېپ قالغاندىن كېيىن ئىددىيىدىكى پىكىر چىگىشلىك سۆز – ھەرىكەتلەردە چىگىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنىڭ بىلەن كۈندۈلۈك ھاياتىمىزدا نىشانغا يېتىشىمىز، بىز ئىزدەۋاتقان بەختنى تېپىشىمىز ئۇزاققا كېتىپ قالىدۇ.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە ئىنسانلار ئارىسىدا ئومۇمىيلاشقان ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىق مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ مەسىلىدىن خالى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھتائالانىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە، ئىنسانلارنىڭ چېكىدىن ئېشىپ ئۆزىنى تاغۇتقا ئايلاندۇرىۋالماسلىقنى، ئىنسانلارنى قۇل قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى كۈرەڭلەپ كېتىش ۋە مەغرۇرلىنىشتىن توسقانلىقىنى بىلدۈردى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى كۆرەڭلەپ مەغرۇرلىنىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئابى – مەنىدىن يارىتىلغانلىقىنى، يەنى بىر تامچا نىجىس سۇدىن تۈرەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەڭلەپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىشنىڭ خاتا ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

سولچى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى، ئىنساننى ئىلاھلاشتۇرۇۋالغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئىنساننى ئىلاھلاشتۇرۇپ چوقۇنۇشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بىر ئاللاھغىلا بوي سۇنۇش ۋە ئىبادەت، ئىتائەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىنسانلار خەلقئارادىكى چوڭ كۈچلەردىن قورقۇپ ئۇلار نېمە دىسە خاتا بولسىمۇ شۇ بويىچە ياشاشتىن ئىبارەت تەسلىمچىلىك روھى شەكىللەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم يەنە مۇنداق دېدى: ئوڭچى ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. سولچى ئىنسانلار ئىنسانغا چوقۇنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئاللاھ شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئىنساننى ئىنسانغا چوقۇنىشتىن تۇساش ۋە ئەڭ توغرا بولغان بىر ئاللاھغا چوقۇنۇش يەنى ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىمگە ئىبادەت قىلماسلىق توغرىسىدا دەۋەت قىلدى. ئىسلام دىنى ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىققا قارشى تۇرۇپ كەلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قۇرئان كەرىمدە مەغرۇرلىنىش ۋە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىك توغرىدا ئايەتلەر بار، ئىنسانلار ئابى – مەنىدىن (ئىسپىرمىدىن) يارىتىلدى. ئىنسانلار ئابى – مەنىدىن يەنى بىر تامچا نىجىس سۇدىن يارىتىلىتىپ تۇرۇپ مەغرۇرلىنىش ۋە كۆرەڭلەپ كېتىشكە ھېچ قانداق ئاساسىي يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە، ئاللاھ تائالانىڭ دۇنيادا ئىنسانلارنى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۇلۇغ قىلىپ ياراتقانلىقىنى، دۇنيادىكى پۈتۈن نەرسە ۋە ئەشيالارنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىنسانلارنى قۇل قىلىشتىن، ئىنسانلارغا چوقۇنۇشتىن باش تارتىپ يالغۇز بىر ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش كېرەكلىكىنى، ئىسلام دىنى ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىققا قارشى كۈرەش قىلىپ كەلگەن دىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 يىغىننىڭ كىيىنكى بۆلۈمىدە جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ۋە خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكا سۆزىدە شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئاكا سۆزىدە يەنە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامى مائارىپىنى، تىلىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى يوق قىلىش ئۈچۈن زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەر شارىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئاسىلىمىياتسىيە قىلىش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن زۇلۇم ۋە بېسىمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تور بېتى

م.بايتاش

Exit mobile version