خەۋەرلەر

خىتاي دائىرىلىرى ئەيىبلەۋاتقان ۋە قارشى تۇرۇۋاتقان ئۈچ خىل كۈچ كىملەردىن ئىبارەت؟

خىتاي دائىرىلىرى ئەيىبلەۋاتقان ۋە قارشى تۇرۇۋاتقان ئۈچ خىل كۈچ كىملەردىن ئىبارەت؟

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش تەپتىشى، دىنى ئالىم ئابدۇلھاكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى يانۋار، تۈركىيە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا تورى 24-دېكابىر كۈنى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرەيلى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە «مىللىي بۆلگۈنچى، زوراۋان تېررورچى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئاساسلىق رېئال تەھدىت ۋە خەۋپ شەكىللەندۈردى» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار، خىتاينىڭ ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تەشۋىقاتى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا قارشى تۇرۇش ۋە باستۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى.

ماقالىدە يەنە «ئۈچ خىل كۈچ شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ قوينىدىن بۆلۈپ چىقىپ، دىن، سىياسەت بىرلەشكەن دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتىگە، تەھدىت سالماقتا» دېيىلگەن.

بۇ ماقالىدە يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۈچ خىل كۈچنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ ئېلان قىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» نى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنى رادىكالىزم ۋە تېررورىزمدىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېلان قىلماستىن، ئاتالمىش بۇ «ئۈچ خىل كۈچ» كە ئارتىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋە ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.

بۇ ئۈچ خىل كۈچ قانداق كۈچلەر؟ كىملەرنى تەشكىل قىلىدۇ؟ ئۇلار قانداق كىشىلەر؟ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇتمۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە تۈركىيەنىڭ چورۇم شەھىرىگە جايلاشقان ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاتاۋۇللا شەھيار ئەپەندى، بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش دېگىنىنىڭ ھەممىسى ئاساسلىقى بىر كۈچ. مىللىي بۆلگۈنچىلىك دېگىنى، بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن مىللەتپەرۋەر كۆز قارىشى كۈچلۈك بولغان كىشىلىرىمىزگە قارىتىلغان. دىنىي رادىكاللىق دېگىنى، مۇسۇلمانلىق قارىشى يەنى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتىلغان، تېررورلۇق دېگىنى، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، دۇنيادا ئۇنىڭ ئېنىق ئۇقۇمى بولمىغان بىر ئىپادە بولۇپ، ھەر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن بىر تېررور چۈشەنچىسى بار، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئۆزىگە قارشى چىققان كۈچلەرنى تېررورچى دەپ ئاتاپ كەلدى. شۇ جۈملىدىن خىتاي دائىرىلىرىمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇجاھىت قېرىنداشلىرىمىزنى تېررورچى دەپ ئاتاپ كەلدى ۋە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلدى. تۈپ مەنبەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستاندا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا قارشى تۇرۇش ۋە باستۇرۇشتىن ئىبارەت.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ خەلقىمىز تېررورلۇق قىلمايدۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىچىدە تېررورلۇق قىلىدىغان كىشىلەر يوق. خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زۇلۇمى چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، شۇ زۇلۇمغا چىدىغۇچىلىقى قالمىغان ۋىجدانلىق ياشلار، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتىدۇ، قولىدىن كېلىشىچە رەددىيە بېرىۋاتىدۇ. بۇ تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق ۋە زوراۋان ھەرىكەتكە بېرىلىۋاتقان ئىنكاس دەپ قارىلىدۇ. بۇ نورمال ئىنكاسقا خىتاي دائىرىلىرى تېررورلۇق دەپ قالپاق كەيدۈرۈۋاتىدۇ.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، خىتاينىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن شوئارىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش دەيدۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك نېمىنى بۆلمەكچى؟ شەرقىي تۈركىستان زېمىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان مۈلكى بولۇپ، خىتاي بۇنى ئىگىلىۋالدى. خەلق خىتاينىڭ زېمىنىنى بۆلمەكچى ئەمەس، بەلكى ئەجدادىمىزدىن مىراس قالغان ئۆز ۋەتىنىمىز، ئۆز تۇپرىقىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بولايلى، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ يۇرتىدا ياشا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدا ياشايلى، دېدى. بۇ خەلقنىڭ پۈتۈنلەي تەبىئىي ھەق-ھوقۇقىدۇر، ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھەققىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خەلقنى خىتاي بۆلگۈنچىلىك قىلدىڭ، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. بىزنىڭ خەلقنىڭ ئىچىدە، تېررورچى، مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي رادىكالچى دېگەن نەرسىلەر مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئىسلام دىنىنى توغرا ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقان، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، خىتاينىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىدىن قېپ قالغان يەر-زېمىن ۋە مال-مۈلۈككە ئىگە بولماقچى بولغان ئەھۋال بار، بۇ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ خىل ھەققى بولىدۇ. خەلقىمىز، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. خىتايلار، بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىكى دىنىي ھېسسىياتقا ئىگە بولغان، مىللىي ئاڭ چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، ئۆزىنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ يەتكۈدەك سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان مۇنەۋۋەر خەلقىمىزگە مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك قالپاقنى كەيدۈرۈپ زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۇجۇم قىلىمىز، زەربە بېرىمىز دەۋاتقان كىشىلەر خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخسلىرىدۇر. بۇلارنى ئالقىشلاش، بۇلارغا تەشەككۈر ئېيتىش بۇلار بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ ھەمكارلىشىش لازىم».

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close