خەۋەرلەر

شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە باغلىق

شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە باغلىق

خىتاينىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ گېزىتىدە 2014- 01- 06- كۈنى “ ئۇزاق ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى تىزلىتەيلى“ دېگەن نامدا ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ئىجىتمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى فىسبۇكتا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ماقالىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك توساق ۋە سىرتقا ئېچىلغان مۇھىم ئۆتەڭ ۋە خىتاينىڭ غەربى رايۇنىنى كەڭ ئېچىش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويغان مۇھىم رايۇن ۋە مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك بايلىق بازىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇ ماقالىدا يەنە، شەرقى تۈركىستانغا قارىتىلغان خىزمەتنىڭ خىتاي ئۇمۇمىي خىزمەتلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئۇرۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى، شەرقى تۈركىستان تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنىڭ خىتاي ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىق ئۇمۇمىيىتى ئىكەنلىكى ۋە ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە، شەرقى تۈركىستاندىكى خىزمەتنىڭ تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، “ تەرەققىيات باش مۇھىم ۋەزىپە، مۇقىملىق باش مەسئۇلىيەت“ دېگەن خىزمەت ئىدىيسىدە قەتئى چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىرى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

تەرەققىياتنى تىزلىتىش ئۇزاق ئەمىنلىكنى مەركەز قىلىشقا پايدىلىق دېيىلگەن ماقالىدا، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى شەرت بولمىسا، ھېچقانداق ئىش روياپقا چىقمايدۇ، نەتىجىلەرمۇ قولدىن كىتىپ قالىدۇ دېيىلگەن.

ماقالىدا يەنە ‘زوراۋانلىق، تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان زور رىئال خەۋپكە ئايلانغانلىقى، بۇنىڭغا قارشى قاقشاتقۇچ زەربە بىرىلىشى، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلىنماسلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاتالمىش “ ئۈچ خىل كۈچ “ توغرىسىدا توختالغان ماقالىدا، تەرەققىيات ئاساسى، سۈرئىتى ۋە سۈپىتى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، “ ئۈچ خىل كۈچ “ نىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تارايتىشنى ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىق دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالىدە يەنە، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرجەملىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى، ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچى ئاچقۇچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدا يەنە، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ خىتاي دائىرىلىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قاراتقان خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى ئىكەنلىكى، بۇ ئاتالمىش خىزمەتلەرنىڭ خىتاي كومۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئۆزلەشتۈرۈلۈشى كېرەك ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

شەرقى تۈركىستان تۇپرىقى مۇنبەت ۋە ھەر خىل تەبىئى بايلىقلارغا مول بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يىللاردىن بىرى شەرقى تۈركىستاننى تۆمۈر چاڭگىلىدىن چىقارماسلىققا تىرىشماقتا.

بۇ ھەقتە توختالغان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش ئەپەندى، ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى فىسبۇكتىكى ئۇيغۇر ئۇچۇرى خەۋىرىدە، شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ماقالىسىدا ئىلگىرى سۈرۈلگىنىدەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تولىمۇ زۈرۈر بولغان خام- ئەشيا ۋە بايلىق مەنبە بازىسى ئىكەنلىكىنى، دەل شۇ سەۋەپتىن خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقاتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى،  شەرقى تۈركىستاننى دۇنيا سىياسى خەرىتىسىدىن مەڭگۈگە ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، بۇ زېمىندا ئۆزىنىڭ ھەق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان خەلقنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاتالمىش ئەبەدى مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشورۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇلجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش مۇقىملىقنىڭ ئاساسى بولغان تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە خەلق پاراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى يالغۇز تەرەققىياتقىلا باغلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى، باراۋەرلىكى، كىشىلىك ھەق – ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئەبەدى كۆزدىن ساقىت قىلىش ئىكەن.

شەرقى تۈركىستاندا يېقىنقى مەزگىللەردە بارلىققا كىلىۋاتقان ئاتالمىش تەرەققىياتلار ئەمىلىيەتتە كۆچمەن خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن تەرەققىياتلار بولۇپ، بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن ھېچقانداق پايدىسى بولماي كەلمەكتە.

ئابدۇلجىلىل قاراقاش ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەرەققىياتلار، تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش ھالقىما تەرەققىيات تونىغا ئورۇنۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسىمىلاتسىيە قىلىش ھەرىكىتىنى جىددى ئېلېپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى ئورنى كۈنسىرى ئىنكار قىلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرى ھەر ساھەدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقماقتا.

بۇ ھەقتە توختالغان قاراقاش ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئورنىنىڭ چەتكە قېقىلىپ، ئورنىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىگىلىگەنلىكى سەۋەپلىك شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر- خىتاي زىددىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئابدۇلجىلىل قاراقاش ئەپەندى ئاخىرىدا، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق – ھوقۇقى، ئىززەت- ئابرويى ۋە ئارزۇ – تەلەپلىرىنىڭ قاندۇرۇلماي تۇرۇپ شەرقى تۈركىستاندا مۇقىملىق بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ، ئاتالمىش ھالقىما تەرەققىيات، ئەبەدى ئەمىنلىكنىڭ خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك چۈشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: فىسبۇك ئۇيغۇر ئۇچۇرى

مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close