خەۋەرلەر

قەشقەر يېڭىشەھەردە 150 كە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئىشتىن بوشىتىلدى

مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن سىقىپ چىقىرىپ ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈۈشكە كۈچىمەكتە

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپىنى قاتتىق كونتىرول قىلىۋاتقان ۋە خىتايلاشتۇرۇشقا ئىزچىل تىرىشىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن سىقىپ چىقىرىپ ، ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈۈشكە كۈچىمەكتە.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ 6- يانۋار كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە 150 كە يېقىن يېزا ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ۋاكالىتەن دەرس بىرىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان.

سۈرەت: قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلىرى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش

خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ياللاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشى ئاران 110 يۈەن بولغان. يېڭى شەھەر ناھىيىلىك ئاتالمىش مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى “ قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى سىستاستىكىلاش جەدىۋىلى“ دە، يېڭى شەھەر ناھىيىسىدە يېقىندا ئىشتىن بوشىتىلغان 150 كە يېقىن ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان.

مەزكۇر جەدىۋەلدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلار 2012- يىلى 12 ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ رەسمى ئىشتىن بوشىتىلغان، مۇتلەق كۆپ قىسمى بىردەك 20 يىلدەك خىزمەت قىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەكرى قۇربان مۇئەللىم ئارال يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 يىل خىزمەت قىلغاندىن كىيىن ئىشىتىن بوشىتىلغان، خىزمەت جەريانىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاشى 110 يۈەن بولغان.

ئىشتىن بوشىتىلغان مەزكۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر بىز تورى مۇخپىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئوقۇتقۇچى ئەينى ۋاقىتتا تەكلىپ بىلەن ئوقۇتۇش ئىشىغا قاتناشقان ئىكەن ۋە مائارىپ ئىدارىسىدىن شىتات بەلگىلەپ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ بىرىدىغانلىقىغا ۋەدە بىرىلگەن بولۇپ، 20 نەچچە يىللىق خىزمەت جەريانىدا مائاشى 110 يۈەندىن ئاشمىغان. ئەمدى ياشىنىپ قالغاندا بولسا بىراقلا ئىشتىن بوشىتىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا قالغان.

23 يىل تۈەن مائاش بىلەن خىزمەت قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنداق تۈۋەن مائاش بىلەنمۇ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا ئاتالمىش مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇلارغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، شۇنچە يىللاردىن بىرى تۈۋەن مائاش بىلەن جاپالىق ئىشلەپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىگە قوشقان تۆھپىلىرىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، تۆھپىسىنىڭ نامدىكى رەسمى ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەرگىزمۇ قىلىشمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ مائاش تەمىناتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ياخشىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، بۇ مەسىلىنىڭ ئاتالمىش چىرىكلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى سىياسەتتىكى ئىرقىچىلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەنە بىر ئايال ئوقۇتقۇچى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:“ مائاشنى ئۆستۈرۈپ بەرسە بولمايدۇ ئەمەس، شىتات بەرسە بولمايدۇ ئەمەس، بەزىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس، ھۆكۈمەت ئۆزگىرىپلا تۇرىدۇ، قايسى گېپى راست بىلگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەينى ۋاقىتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلىگەن بولساق مەسىلىمىزنى ھەل قىلالايتتۇق، ئەمما بىزدەك نامرات ئوقۇتقۇچىلارغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل ئاز پۇل بولمىسا“.

ئۇ ئايال ئوقۇتقۇچى يەنە مۇنداق دېگەن:“ بىزنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىمىز چەكلىك، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، بىز ئاستا – ئاستا چەتكە قېقىلدۇق، ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلەيتتۇق، بۇ رەھبەرلەر نېمىنى ئويلايدۇ بىلەلمىدۇق. ھازىر مۇناىسۋەت بەك مۇھىم، ئارقا ئىشىك بولمىسا بولمايدۇ ئەمەسمۇ“.

خەۋەردە يەنە، مەزكۇر ئىشتىن بوشىتىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، بارلىق ھەقلىرىنىڭ تۆلىنىشى، تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، يەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ياش ۋاقىتىدا ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ، ياشانغان ۋاقىتىدا مەجبۇرى خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭى بىر كەسىپكە كىرىشىنىڭ تولىمۇ تەسكە توختايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشچە، خىتاي دائىرىلىرى سىستىمىلىق ھالدا، شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان ۋىلايەتلەردىكى يېزا ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاكالىتەن دەرس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى تۈركۈم بويىچە ئاللىقاچان ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇپ بولغان.

شىتاتلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل باھانە- سەۋەپلەر بىلەن خىزمىتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرلاۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، ۋاكالىتەن دەرس بىرىپ كەلگەن شىتاتى يوق ئوقۇتقۇچىلارنى بىراقلا ئىشتىن قالدۇرۇپ، ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كىلىنىگەن كۆچمەن خىتايلار ئۈچۈن ئىش ئورنى ھازىرلىماقتا.

مەنبە: ئۇيغۇر بىز تورى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close