خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۇچۇق بايانات

شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقانزۇلۇم ۋە  بېسىم سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز،

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ زۇلۇم ۋە بېسىملارغا قەتئى قارشى تۇرىدىغانلىقىمىز، ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى، زۇلۇم ۋە

بېسىمغا باش ئەگمەي كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەش ئۈچۈن بايانات ئېلان قىلىمىز.

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە توقۇنۇشلىرى سەۋەپلىك خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى سىستىمىلىق قەتلى قىلىۋاتقانلىقى، ھەقلىرىنى ئاياغ – ئاستى قىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقانىغا ئەگشىپ، ھەسسىلەپ كوپىيىۋاتقان قەتلىئام جىنايەتلىرىنىڭ خەلقارادا جىمجىت شەكىلدە قارشىلىقسىز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.

2013- يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر قارا يىل بولدى، بىر يىل ئىچىدە 30 دىن ئارتۇق قانلىق ۋەقە يۈز بەردى، يۈزلەرچە ياشلىرىمىز شېھىت قىلىندى. قوللىرىدا قورال ئەمەس تۆمۈرنىڭ پارچىسىمۇ بولمىغان بىچارە خەلقىمىز، رەھىمسىزلەرچە قەتلىئام قىلىشنى مەقسەت قىلغان باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە قوراللىق قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

ھايات، سۆز ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ۋە ۋىجدان ھۆرلىكى ۋە ئاساسى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھېچ ئېتىبارى بولمىغان بۇ بەخىتىسز خەلق، ھازىر دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە مەۋجۇد بولۇپ باقمىغان ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇمغا دۇچار بولماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئىشغالچىلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ پۈتۈن مىقياسىدا خەلقىمىزنىڭ ئىنسانلارچە ياشاش ھوقۇقىغا قارشى ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك چەمبىرىكى قۇرۇپ ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئۇچۇق زىندانغا ئايلاندۇردى.

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىدىغانلىقى، دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنى ئاياغ- ئاستى قىلىدىغانلىقى، مەھەللە كوچىلىرىغا ئېسىلغان لوزۇنكىلاردىكى چەكلىمە بۇيرۇقلار ئەڭ كىچىك بىر گەپ تالىشىش بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى «ئۇر!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن سىياسەت ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. «گۇمانلىق كىشىلەرنى قاچۇرۇپ قويماي تۇتۇش، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى شۇ ھامان ئېتىش» بۇيرۇقى ئالغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر زامان قوراللىرىنى تەڭلەپ ئۇيغۇرلارغا ئوق ئېتىشقا تەييار تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.

“ خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىق دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە يۈز بەرمەيدۇ. جىمجىت يوق قىلىنىۋاتىمىز، مىللىتىمىز يا ئۆلۈم يا كۆرۈم جېڭىنى تەنھا – يالغۇز ۋە چارىسىز ھالدا داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيىتى باشلاش ئىنتايىن مۇھىم. خەلقئارا جامائەت،  ئىسلام دۇنياسى، ئىنسانىيەت دۇنياسى، سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات، بارلىق ئاممىۋى جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ھىسداشلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان  مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىگە چىقىشقا، تەشۋىقات ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيانە خىتاي زۇلمىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىشقا، يول-يوللاردا، ئۆي- ئۆيلەردە، قۇلاقتىن – قۇلاققا ئاڭلىتىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلمىغا قارشى ”توختا“ دېيىشكە چاقىرىق قىلىمىز.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى

About admin

Leave a Reply