خەۋەرلەر

ئانا تىل يەسلىدىكى پەرزەنتلىرىمىزگە يۇنۇس بېلىقى قاتارلىق دېڭىز ھايۋانلىرى كۆرسىتىلدى

100_6446

ئانا تىل يەسلىدىكى پەرزەنتلىرىمىزگە يۇنۇس بېلىقى قاتارلىق دېڭىز ھايۋانلىرى كۆرسىتىلدى

مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىزگە قاراشلىق زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدىكى «ئانا تىل يەسىلى»دىكى 60 تىن ئارتۇق پەرزەنتلەر ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ رايۇنىدىكى يۇنۇس بېلىقى ئويۇنىنى كۆرۈشكە ئېلىپ بېرىلدى.

يۇنۇس بېلىقى ئويۇنى كۆرسىتىش زالى ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ رايۇنى سىلاھتار ئاغا مەھەلىسىدە بولۇپ، 5800 كۇۋادىرات مېتىرلىق كەڭلىكتىكى ، 7  تانە كۆلدىن تەركىپ تاپقان، جەمئى 950 تاماشىبىننى قوبۇل قىلغىدەك دەرىجىدە كەڭرى بىر زالدىن ئىبارەتتۇر.  بۇ يەردە پەقەتلا يۇنۇس بېلىقلىرى بولۇپلا قالماي، كىچىك لەھەڭ بېلىقى ۋە دېلفىن بېلىقلىرىمۇ ئويۇن كۆرسىتىدۇ.

يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇشىنى تاماملاپ ، قىشلىق تەتىلگە چىقىش ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇدىكى ھايۋانلارنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇش ۋە روھى جەھەتتىن خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ پائالىيەتنى ئاتا- ئانىلارمۇ ناھايىتى قىزغىن قوللىغان بولۇپ، ئەتىگەندىلا مەكتەپ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن ئوقۇغۇچىلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشى بىلەن مەخسۇس كىرالىغان ئابتوبۇستا يۇنۇس بېلىقى ئويۇن كۆرسىتىش زالىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇ يەردە تەربىيلەنگەن بېلىقلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندى ۋە روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا قايتىشىدا بۇ بېلىقلارنىڭ ماھارەتلىرى  ھەققىدە ئەتراپىدىكى ھەر كىشىگە چۆچۈك تىللىرىدا ھېكايە سۆزلەپ بەردى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close