خەۋەرلەر

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق قول، تۆمۈر مۇش بولۇشقا يوليۇرۇق بەردى

Cin-iskencisi

شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالچى خىتاي كومۇنىست پارتىيىسىنىڭ قوراللىق ساقچى قىسمى باش ئەترىتى 3- نۆۋەتلىك كومىتىتىنىڭ 10- ئومۇمى يىغىنى 13- يانۋاردىن 14- يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى سىياسى بىروسىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنشىيەن 14- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالچى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئوفىتىسىر، ئەسكەرلىرىدىن كومۇنىست پارتىيىسىگە سادىق بولۇشىنى، غەلبىلىك جەڭ قىلىشىنى، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نوقتىسىدا شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتالمىش قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن جاڭ چۇنشىيەن، ئىشغال قىلىنغان شەرقى تۈركستاندىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ خىتاي ئومۇمىيىتىدە ئورنى بارلىقىنى،  قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، رولىنى ئالاھىدە جارى قىلىشى كېرەكلىكىنى، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ياخشى ماسلىشىشىنى، ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسى جەڭ مەيدانىدا قاتتىق كۈرەش قىلىپ ، ماھارىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جاڭ چۈڭشىيەت يەنە، ئاتالمىش قاتتىق زەربە بىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى بېسىم ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنى، مۇكەممەل تەييارلىق لاھىيىسى تۈزۈپ چىقىشنى، ئامانلىق ساقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىلىرىنى كۈچەيتىشنى، كومۇنىست پارتىيىسىگە سادىق بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ رەھبەرلىكىگە قەتئى بويسۇنۇش ئۈچۈن سىياسى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى فىسبۇكتىكى ئۇيغۇر ئۇچۇرىدا بايان قىلغان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش ئەپەندى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللى ۋە دىنى زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىسيانلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتتىق باستۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى ۋە دىنى ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي زىددىيىتىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن قانلىق شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولماقتا دېدى.

جاڭ چۈنشىيەننىڭ خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالاھىدە ئىستىراتېگىيە ئورنىغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ رولىنى ئالاھىدە جارى قىلىدۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش جېڭى ئېلىپ بېرىىشى كېرەكلىكى خۇسۇسىدا قىلغان سۆزى توغرىلىق توختالغان قاراقاش ئەپەندى، جاڭ چۈنشىيەننىڭ بۇ سۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر جىددى ۋە كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىش سىياسىتىگە قارشى قولىدىن كىلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەرقى تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتتىن بىرى ئۇيغۇرلارنى “ ئۇر “ ياكى “ ئۆلتۈر “ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتقان خىتاي باسقۇنچىلىرى، نۆۋەتتە شەرقى تۈركسىتاندىكى تاجاۋۇزچى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول، تۆمۈر مۇش بولۇشقا يوليۇرۇق بەرمەكتە.

مەنبە: فىسبۇك ئۇيغۇر ئۇچۇرى

مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close