خەۋەرلەر

خىتاي ئىلھام توختىنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش » بىلەن تۈرمىگە قامىغان

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي يول بىلەن تەلەپ قىلىش بىلەن خەلقئارا ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى 15 – يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيدىن 30 دىن ئارتۇق خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى. ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە بۇ ھەقتە بەس – مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئىلھام توختى بېيجىڭدىكى  مەركىزى مىللەتلەر ئۈنىۋېرسىتىېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىقتىسادشۇناس  پىروفېسسۇرى بولۇپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا ھېچ قانداق جىنايىتى يوقتۇر. خىتاي ساقلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىشى قانۇنسىزلىق ۋە ھەقسىزلىقتۇر.

19- يانۋاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ رەسمى ئاخبارات ئورگىنى گىلوبال تايمىز گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ، ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىغا “ بۆلگۈنچىلىك قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەش“ جىنايىتى ئارتىلغان.

خەۋەردە يەنە ، ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ “ ئادەتتىكى بىر ئاكادىمىك ئەمەس “ لىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىرگە ، يەنە ئۇنىڭ “ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە غەرىب ئەللىرى مەتبۇئات-تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئالاقىسى “ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىشى ۋە ئىلھام توختىنى ھېچقانداق رەسمىيەتسىز تۇتۇپ كىتىشى خەلقارا مەتبۇئاتلىرىدا قاتتىق غولغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خەلقارا مەتبۇئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى تۇتۇپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئىلھام توختىغا ئارتىلغان جىنايەتنى ئېلان قىلىشىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بىرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close