خەۋەرلەر

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 1470 ئورۇنغا خىتاي تىلى يەسىلى ئاچتى

ئىشغالچى خىتاي كوممۇنسىت ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتىسىيە قىلىش مەقسىتىدە تىلنى يوق قىلىشنى ئەمدى كىچىك بالىلاردىن باشلىدى. يېڭىدىن ئانا تىلىدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايون، يېزا-كەنت ۋە مەھەلىلەرگە مەخسۇس يەسلى قۇرۇپ، 4 ياشتىن مەكتەپ يېشىغىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا – ئانىلىرىدىن مەجبۇرى ئېلىپ يەسىلىگە ئورۇنلاشتۇرماقتا. مەزكۈر يەسىلىلەرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە جېنىنى باقالماي قايمۇقۇپ يۈرگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كەلتۈرۈپ مەزكۈر يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلىمەكتە. بۇ خىل ئاققۇن خىتاي ئوقۇتقۇچىلار مەزكۈر يەسلىلەردە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە مەخسۇس خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگىتىدىكەن.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي قوش تىللىق يەسلى نام ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر، رايون، ناھىيە، يېزا-كەنت ۋە مەھەلىلەردە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تىلىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1470 دانە مەكتەپ قۇرغان. خىتايلار بۇ يەسلىلەرگە قوش تىللىق يەسلى دەپ ئىسىم قويغان. خىتايلار بۇ خىل مەكتەپلەرنى تېخىمۇ كۆپ سېلىش ئۈچۈن يېقىندا 2مىليارد 95 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن 85% ئۇيغۇر پەرزەنتىنى بۇ خىل يەسلىدە خىتاي تىلى ئۆگىتىشكە مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۈر يەسلىلەرگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئاققۇن خىتايلارنى كەلتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى قىلىپ بەلگىلىگەن. خىتايلار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەزكۇر خىتاي تىلى يەسلىلەرگە قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە ھەر كۈنى بالىلارغا قەنت – گىزەك، ياڭاق مېغىزى، پىستە، بادەم، يىمىش دېگەنگە ئوخشاش يىمەكلىكلەرنى بېرىپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى كۆندۈرىۋالغان. ئۇ يەسلىگە بالىلىرىنى بەرمىگەن ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە بېسىم قىلىپ ئىقتىسادى جازا قويۇش ئارقىلىق بالىلىرىنى مەزكۈر خىتاي تىلى يەسلىلەرگە بېرىشكە مەجبۇرلىغان.

خىتاي بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىگە چىقالماس ھالغا كەلدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close