خەۋەرلەر

قىرغىزىستان چىگىراسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە يەتتى

قىرغىزىستان چىگىراسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 12 گە يەتتى

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركسىتان ئوتتۇرىسىدىكى چىگىرادا مەلۇم بىر گۇرۇپ كىشىلەر ىبلەن قىرغىزىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەرەپتىن كەلگەنلىكى داۋا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قۇراللىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە بىر قىرغىز ئوۋچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ بۈگۈن ئەتتىگەن قوراللىق توقۇنۇشۇپ كەتكەنلىكى توقۇنۇش ئاخشامغىچە پۈتۈن كۈن داۋام قىلغانلىقى ئاخىرىدا نامەلۇم قۇراللىق گۇرۇپتىكى 12 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قىرغىزىستان چىگىرا قوغداش قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل رايونىنىڭ يەتتە ئۆكۈز ناھيىسىنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا چىگىرالىنىدىغان پىكەرتىك رايونىدا قۇراللىق بىر گۇرۇپ كىشىلەر بىلەن قىرغىزىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 11 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قىرغىزىستان تەرەپتىن بۇ كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە نېمىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى. ئەمما قۇراللىق كىشىلەرگە تەسلىم بولۇشقا چاقىرىق قىلىنغانلىقى ئەمما قۇراللىق كىشىلەرنىڭ رەت قىلغانلىقى ۋە قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەسلى رۇس بولغان بىر قىرغىزىستان ۋەتەندىشى ئوۋچى ئۆلگەن توقۇنۇشتا بىر قىرغىز ئەسكىرى يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاخباراتلار قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چىگىرادا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 كىشى ئۆلتۈرۈلدى دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇر تارقىتىلدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك قىرغىزىستان خىتاي بىلەن ئەمەس بەلكى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن چىگىرالىنىدۇ، ھەمدە قىرغىزىستانغا ئۇ تەرەپتىن خىتايلار ئەمەس بەلكى خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.

بىر تۈركۈم ياخشى نىيەتلىك ئۇيغۇر ياشلار خىتاي غالچىلىرى تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇلۇپ مۇشۇنداق بىر تۇزاققا چۈشۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.  يەنى خىتاي ئويۇن ئويناپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش ئۈچۈن ئويۇن ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن چۈنكى، خىتاي بىر تەرەپتىن قىرغىزىستان دۆلىتىگە ئۇيغۇرلارنى تېرورچى كۆرسىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىش ۋە پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشنى مەقسەت قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن قىرغىزىستان تەرەپتىن خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ قىرغىزىستان چىگىراسىدىن ئۆتۈپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستاننى ئويغۇتۇش ۋە مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  ئاگاھلاندۇرۇش مەقسەتتە موشۇنداق بىر ئويۇن سېنارىيو ھازىرلىغان بولۇشى مۇمكىن.

چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان قولىغا قورال ئېلىپ قىرغىز ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ باقمىدى، توقۇنۇشنى مەقسەت قىلغان تەقدىردە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرال تېپىلمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. يەنى شەرقىي تۈركىستاندىن قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان ياكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇش ئەمەس خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆزلىرىنى تاپشۇرۇش يولىنى تاللايدۇ.

بۇ ۋەقە دىققەت بىلەن كۈزىتىلىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىش ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە چوڭ كۈچلەر ئارلىشىشى كېرەك. بىرمۇ كىشىنى ساق قويماي ھەممىنى ئۆلتۈرىۋىتىش چوكقۇر ئويغا سالىدۇ. ئىز قالدۇرماي يوقۇتۇش دېگەن شۇ. بۇ ئىشتا خىتاينىڭ قولى بارلىقى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.

 DTSAM شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close