خەۋەرلەر

جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى تۈركىيە ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

IMG_9552 IMG_9575 IMG_9578 IMG_9591 IMG_9595 IMG_9606 IMG_9607 IMG_9608IMG_9621

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مىللىي ئىرادە مۇنبىرى يىغىنىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا بىلەن ئۇچراشتى ۋە سۆھبەتلەشتى.

2014-يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان مىللىي ئىرادە مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىقىش نامىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكەن ئالا ئەپەندى، ئادالەت مىنىستىرى بەكرى بوزداغ قاتارلىق مۇھىم ئەربابلارمۇ قاتناشتى.

بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىر قاتارلىق مىنىستىرلىرى بىلەن ئىستانبۇلدا خىزمەت – پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە تۈركىيىنىڭ تېخىمۇ بىر كۈچلۈك دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن مىللىي ئىرادىدە چىڭ تۇرۇپ ھۆكۈمەتنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىكەن.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلات، فوند ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە تۈركىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى تاماق زىياپىتى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ جەرىياندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچراشتى ۋە سۆھبەتلەشتى.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر يىغىن ئاخىرىدا يەنە باش مىنىستىر ئەردۇغان بىلەنمۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

بۇ يىغىندا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان سۆز قىلدى ۋە تۈركىيىنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. ئەردۇغان سۆزىدە تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈتۈرۈلۈپ كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمما بۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان  بىر قىسىم ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ھېچ ئىككىلەنمەي كېرەكلىك قەدەملەرنى بېسىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە 2023- يىلى تېخىمۇ بىر تەرەققىي قىلغان تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تۈركىيە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 150 دىن ئارتۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا باش مىنىستىر ئەردۇغان ۋە مۇھىم سىياسەتشۇناس شەخسلەر سۆز قىلدى ۋە ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە قىيىن ئەھۋالدا قويۇشقا ئورنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىگە چىقىشنىڭ مىللىي ئىرادىگە ئىگە چىققانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى تاماق زىياپىتى بېرىلگەن بولۇپ بۇ جەرىياندا شەرقي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەر زامان ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۈمىد كۈزى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئايرىم ئۇچرىشىشقا ۋەدە ئالغانلىقىنى يېقىندا ئەنقەرەگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئىلتىماس ۋە تەلەپلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە كۆڭۆل بۆلۈش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئەخمەت داۋۇتئوغلى بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاپ بەردى.

مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قايغۇلىنىۋاتقانلىقىنى، بىر تۈركۈم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىمكانىيەت ۋە شەرت – شارائىتلارغا قاراپ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مۇساجان ئەر

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close