قىرغىزىستاندا شەھىد قىلىنغان 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزغا ئالاقىدار بايانات

maarip21

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيبلەيمىز ۋە ھېچ قاچان بۇ خىل قىلمىشلارنى قوبۇل قىلمايمىز.

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىدىن قېچىپ، قىرغىزىستانغا كىرمەكچى بولغان 11 نەپەر ئۇيغۇر قېرىنىدىشىمىز 2014 – يىلى 23- يانۋار پەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان چىگرا مۇداپىئەسى قىسمى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ شېھىت قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىرغىزىستانغا بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز.

2014 – يىلى 23- يانۋار پەيشەنبە كۈنى تەخمىنەن 40 كىشىلىك بىر ئۇيغۇر گۇرۇپ ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە خىتاينىڭ يېقىىندىن بۇيان تېخىمۇ ئېشىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىدىن  قېچىپ، قوشنا قېرىنداش دۆلەت قىرغىزىستاندا پاناھلىنىش ئۈچۈن چىگراغا بارغاندىن كىيىن، قىرغىزىستان چىگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قۇراللىق قارشىلىقىغا دۈچ كەلدى ۋە قىرغىز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئوقىغا تۇتۇلۇپ11 نەپىرى نەخ مەيداندا شېھىت قىلىندى.

قىرغىز ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرى بۇ ۋەقەدە ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بورمىلاپ، ئۆلگەنلەر ”بۆلگۈنچى ئۇيغۇرلار ئىدى“، قارشىلىق كۆرسەتتى، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ جەسەتلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردۇق دەپ ئاخبارات ئېلان قىلدى.

”قىرغىزىستان ئەسكەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يانلىرىدىن قۇرئان، تەسپى ۋە جاينامازغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا ئائىت نەرسىلەرنىڭ چىققانلىقىنى مۇخبىرلارغا كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن ئۇ ئۇيغۇرلار يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئەمەس بەلكى ياخشى بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.  ئۇلار پەقەت خىتاي بېسىمى ئاستىدا قالغان ۋە جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلار ئىدى.

 ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ھېچقانداق بىر قورال يوق ئىدى، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ئىككى قىرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن قىرغىزىستان گىراژدانى رۇس ئوۋچىنىڭ قولىدىن ئېلىۋالغان بىر تال ئوۋ مىلتىقى بار ئىدى، قىرغىزىستان ئەسكەرلىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەستىن بويسۇندۇرۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرىق قىلماستىن، ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ ئىشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلماستىن ئېغىر قوراللار بىلەن ئوققا تۇتۇپ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى. بۇ قانداق ئىنسانلىق!؟ بۇ قانداق قېرىنداشلىق!؟ ھاياتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن سەندىن ياردەم تەلەپ قىلغان ۋە سىنىڭ قېشىڭدا پاناھلىنىشقا ئۇرۇنغان ئىنسانلارنى ئوققا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ تاشلاش قانداقمۇ ئىنسانلىق ۋە قىرىنداشلىق بولىدۇ ؟ بىر تەرەپتە خىتاي زۇلۇمى يەنە بىر تەرەپتە تىلى، دىنى، مەدىنىيىتى ئوخشاش ۋە تارىخى باغلىنىشلىقى بولغان قان قېرىنداشلىرى تەرىپىدىنمۇ زۇلۇم قىلىنامدۇ؟ خىتايلار خىتايلىقىنى قىلىپ زۇلۇم قىلىدۇ ۋە بېسىم ئىشلىتىدۇ ئەمما ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بولغان قىرغىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ھېچ چۈشۈنەلمەيۋاتىمىز“.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ چىگرا قوشنا بولغان قىرغىزىستان ۋە باشقا تۈركىي سېستىمىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆزلىرىگە دوست ۋە قېرىنداش بولغان مۇسۇلمان شەرقى تۈركىستان ئىنسانلىرىغا قارشى بۇ شەكىلدە خىيانەت قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا تۇتۇپ بەرگەن ئىدى.

قىرغىزىستاننىڭ بۇ قىلمىشى ھېچبىر شەكىلدە قۇبۇل قىلىنمايدۇ، قىرغىزىستان جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقارا مۇساپىر – مۇھاجىرلار قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىرغىزىستاننى ئەيىپلەيمىز. قىرغىزىستاننى بۇ قىلمىشى تۈپەيلى پۈتۈن ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا دەۋەت قىلىمىز، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بۇ شەكىلدە خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ قىرغىزىستاندا پاناھلانماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەستىن پاناھلىق بىرىشىنى ۋە قىرغىزىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

بۇ يەردىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ھەم خىتاپ قىلىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى نامى ئاستىدا يىغىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتايغا يالاقچىلىق قىلىۋاتقان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، پەلەستىن، سۈرىيە، مىسىرغا ئوخشاش ئوتتۇرا شەرقتىكى مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى بولغان ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقىۋاتقان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، قان- قېرىنداشلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ، تۈركىستاندىكى قان- قېرىنداش ۋە دىنى قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشىنى، شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز .

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى نامىدا مۇساجان ئەر

About admin

Leave a Reply