خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركسىتاننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركسىتاننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركسىتاننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ  خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيە دىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن . يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومتېر يەر ئاستىدا بولغان. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە يەر تەۋرەش بىر مىنۇتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان. ئىنسانلار ئۆزلىرىنى بۆشۈكتە تەۋرەۋاتقاندەك ھىس قىلغان.

ئىگەللىنىشچە، كېرىيەنىڭ تاغلىق رايونى بولغان ئاتچان يېزىسى يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان.

 7.3 بال يەر تەۋرەش ئادەتتە ئېغىر بىر يەر تەۋرەش بولۇپ ئادەتتە 6 بالدىن ئېشىپ كەتكەن يەر تەۋرەشتە چىداملىق ئۆيلەرمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدىكەن.

كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش توغرىسىدا خىتاي دائىرلىرى ھازىرغىچە ھېچ قانداق ئۇچۇر بەرمىدى بەرگەن ئۇچۇرلاردا كېرىيەدە يەر تەۋرىگەنلىكنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ بۇ يەر تەۋرەشتە كېلىپ چىققان زىيان ۋە ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرى توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

خىتاي بۇ يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا دۇنيانىڭ ۋە دۇنيا ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنىڭ تارتىلىشتىن ئەندىشە قىلپ يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قامال قىلىپ ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

رەھىم شەپقەتلىك قۇدرەتلىك ئاللاھ! بۇ قەھرىتان قىش سوغۇقتا شۇ يەردىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا رەھىم قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close