خەۋەرلەر

كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى نامزاتى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سافاكۆي شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى

كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى نامزاتى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سافاكۆي شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى

 IMG_9624

تۈركىيە ھاكىمىيىتىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى نامزاتى تەمەل قارا دېڭىز ئەپەندى 15- فېۋرال شەنبە كۈنى سائەت 20:00 دە، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سافاكۆي شۆبىسىنى زىيارەت قىلدى.

شۇ كۈنى كەچ شام نامىزىدىن كىيىن سافاكۆي شۆبىسىدە جامائەت پىشىۋاسى ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ قۇرئان خەتمىسى قىلىنغان بولۇپ، كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى نامزاتى تەمەل قارا دېڭىز ئەپەندى ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچانغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، سەبىر قىلىشىنى، ئاللاھنىڭ مەرھۇم ئانىمىزغا رەھمەت ئاتا قىلىشىنى تىلىدى.

سورۇنغا ھازىر بولغان شەرقى تۈركىستانلىق ھەمشەھەرلەرگە ئۆزىنى تونۇشتۇرغان تەمەل قارا دېڭىز ئەپەندى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىلانى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت قولىدىن كىلىشىچە شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، جەمئىيەتنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبىلىرىدە ئانا تىل يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسى ئېچىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ سانىنىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقانلىقى ۋە جەمئىيەت ۋە شۆبىلىرىنىڭ پائالىيىتىنىڭ كۈنىسىرى تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك مۇناسىپ بىر ئۇرۇنغا ئىھتىياجنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاتتى.

تەمەل قارا دېڭىز ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىيىنچە ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن كەسكىن سۆز بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقى تۈركىستانلىق قىرىنداشلىرى ئۈچۈن قولىدىن كىلىشىچە ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۆھبەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر پولۇسىغا ئېغىز تەگكەن تەمەل قارا دېڭىز ئەپەندى، شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇم چىكىۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ جامائەت بىلەن خوشلاشتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close