ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ۋەقەسى ھەققىدە ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچان بىلەن جىددى سۆھبەت

Abdulkadir-yapchan

 14- فېۋرال ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندا خىتاي چارلاش ساقچى ماشىنىلىرىغا قارشى جىھادى ھەرىكەت يۈز بىرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  ۋەقەدە 8 نەپەر پىدائى نەخ مەيداندا شېھىت قىلىنغان، بىر نەپىرى قولغا ئېلىنغان، ئۈچ نەپىرى ۋەقە جەريانىدا پارتلاپ شېھىت بولغان.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ئىككى نەپەر ساقچى، ئىككى نەپەر ئاممىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بەش چارلاش ساقچى ماشىنىسىنىڭ پىتچىت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشچە، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كىينلا مەزكۇر رايۇندا ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈپ، ۋەقەنىڭ جەريانىنى خەلق ئاممىسىنىڭ بېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، كىشىلەرنىڭ سىرتىغا چىقىشىنى چەكلىگەن ۋە تېلىۋۇزۇرلارنى ھەم توختىۋەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە، ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش بۇ ۋەقەنىمۇ ئاتالمىش تىرورىزىمغا باغلاپ، مەھمۇت توختى ئىسىملىك بىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن بىرى دىنى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئۆتكەن يىلى سىنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ 13 كىشىلىك بىر گۇرۇپ تەشكىللەپ چىققانلىقى، جىھادى ھەرىكەتلەر تەسۋىرلەنگەن ئاۋازلىق ۋە سىنئالغۇلارنى كۆرگەنلىكى، ساقچى ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پارتلاتقۇچى بومبىلارنى ياساپ تەجرىبە قىلغانلىقى، پىچاقلارنى سېتىۋالغانلىقى، يانۋار ئېيىدىن باشلاپ بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ پارتلىتىش تەجرىبىلىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا يەنە، خوتەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەر ئىكەنلىكى، بۇ رايۇنلاردا بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ مەركەزلەشكەنلىكى ۋە چوڭ ۋەقە چىقىرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ۋەقە ھەققىدە جامائەت پىشىۋاسى ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچاننى زىيارەت قىلدۇق.

شېھىت بولغان شەرقى تۈركىستان ئوغلانلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەرھەمەت تىلىگەن ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچان ، شەرقى تۈركىستان ياشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەزىمەتلەرچە جىھادى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولغان ئالى روھ، قەتئى ئىرادە ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋەتنىڭ مەنبەسى ۋە بۇ خىلدىكى پىدائىلىق ھەرىكىتىنىڭ خىتايغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ئىشغالىغا قارشى جىھادى ھەرىكەتلەرنىڭ 90- يىللاردىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئارىلىقتا بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى لېكىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان زۇلۇمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماستىن، تېخىمۇ كۈچەيگەن ۋە ھەددىدىن ئاشقان ھالدا داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچان، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشى، ساقال قويۇشى، ناماز ئوقۇشى، رۇزا تۇتۇشى، ھەجگە بېرىشى ۋە دىنى تەلىم-تەربىيە ئېلىشى قاتارلىق ئەمەل- ئىبادەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلۇقتىن ئىبارەت مىللى كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلانلىق توغۇت، دېنى ئېتىقات چەكلىمىسى، مىللى مائارىپنى بورمىلاش، كىچىك بالىلارنى ئىككى – ئۈچ ياشتىن باشلاپ يەسلىگە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تامامەن خىتايپەرەست قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:“ خىتاينىڭ بۇ رەزىل مەقستىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن شەرقى تۈركىستان ياشلىرى بۇ نۇمۇستىن، خارلىقتىن، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم – ئىسكەنجىلەردىن قۇتۇلۇش ۋە ئۆزىنىڭ مىللى، دىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن جىنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلارچە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ“.

مۇشۇنداق ئالى روھقا ئىگە ئەزىمەتلەرنى توغۇپ يىتىشتۈرگەن ئاتا- ئانىلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە سەبىرلەر تىلىگەن ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچان، تاجاۋۇزچى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىگە، شەرقى تۈركىستان خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ياشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇنداق پىدائىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئال قويۇپ، “ ئۇيغۇرلار ھازىر خىتايغا قانداق قارشى تۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى چۈشۈنۈپ يەتتى، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن جىھادى ھەرىكەت يولىدۇر “ دېدى.

“ شەرقى تۈركىستان ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ زىمىنى ئەمەستۇر، ئەزەلدىن بىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئانا ۋەتىنىدۇر، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بىر زىمىنى بولۇشى لازىم “ دېگەن ئۇستاز ئابدۇلقادىر ياپچان، “ شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ ئانا زىمىنىنى جان پىدالىق بىلەن قوغدىشى كېرەك“ دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:“ مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق كىشى، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانۇن-نىزامىغا قەتئى رىئايە قىلىپ ياشايدۇ، ئەمما خىتاي تاجاۋۇزچى بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئانا تۇپرىقىدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى، خىتاي شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تامامەن يوقاتماقچى ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان ياشلىرى ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن كىچىپ، ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دېگەن تەكبىرنىڭ ساداسى ئاستىدا بىرلىكتە خىتايغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ ”.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالغا دۇچار بولغان ۋاقىتتىن بىرى ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كىلىۋاتقان ”ئىشغالغا قارشى تۇرۇش“ ئىدىيىسىنىڭ ھەممىگە ئۈلگە بولالايدىغان بىر ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇستاز ياپچان، ”نورمال ئىنسان بولۇپ ياشاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ئىدىيەگە ئىگە بولمىسىمۇ بولىدىغانلىقى،  ئەمما بىر مىللەتنى قوغداش ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىدىيەنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقى،  ئۇيغۇرلاردىكى ئىشغالغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ ئىشغالغا دۇچار بولغان ھەر قاندق مىللەتكە ئۈلگە “ بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، “ بىز ئۇيغۇرلار بۇ ئەسىردىكى ئىقتىسادى ۋە ھەربى سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان خىتايغا، ئوتتۇرا سەۋىيىگىمۇ يەتمەيدىغان پىچاق ۋە ئورغاقلار بىلەن قارشى تۇرۇۋاتىمىز ‘ دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:“ بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقى، تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى جىھادى ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان ئەزىمەتلەرگە ھەر قانداق شارائىتتا ماسلىشىشى ۋە قوللىشى لازىمدۇر“.

مۇسلىم

About admin

Leave a Reply