باياناتلارخەۋەرلەر

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ياردەم بېرىشكە چاقىرىلدى

yeni-safak

2014-يىلى 17-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تۈركىيەنىڭ «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئاپەت، تىكا (تۈرك ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىش ئىدارىسى) ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى، دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى، ياردەم ئېلى جەمئىيىتى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلارنى كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

 

خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق كېرىيە ناھىيىسىدە ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7.3 بال دەرىجىدىكى شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە كىشىلەر ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەرنىڭ يېتەرلىك ئۆلچەمدە قۇتقۇزۇش ھەم ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تۈركىيە «يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ 17-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا، كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 33 مىڭ ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 58 مىڭ 127 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى، ئۇلاردىن پەقەت 19 مىڭ 905 كىشىنىڭ چېدىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، قالغان كىشىلەرنىڭ تېخىچە ياردەمگە ئېرىشەلمەي قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە يەر تەۋرىگەن رايون ئۈچۈن جىددىي ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

خەلقئارالىق يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 455 مىڭ 573 كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، 60 مىڭ ئېغىز ئۆينىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 11 مىڭ 515 مال-چارۋىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 497 كۆۋرۈك ۋە 113 كىلومېتىر يولنىڭ بۇزۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۈگۈن، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىمۇ يەر تەۋرەشتە 450 مىڭ ئادەمنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى يازدى.

2014-يىلى 17-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تۈركىيەنىڭ «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئاپەت، تىكا (تۈرك ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىش ئىدارىسى) ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى، دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى، ياردەم ئېلى جەمئىيىتى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلارنى كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئاپەتنى يوشۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدىكى خەۋەردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك يەر تەۋرەش ئاپىتى ئىجتىمائىي ھاياتقا پالاكەت ئېلىپ كەلدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ھەم سوغۇق ھاۋا ھەم ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باياناتتا مۇنداق دېدى: خىتاي دائىرىلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا چەتئەل مۇخبىرلىرى ۋە چەتئەللىك ياردەملىشىش تەشكىلاتلىرىنىڭ رايونغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇ يەردە ھېچ كىمنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ھادىسىنى كىچىكلىتىپ كۈنتەرتىپتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندا خەلق سوغۇق ھاۋادا توڭۇپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن قىينىلىۋاتىدۇ، ياردەم كۈتۈۋاتىدۇ.

رايونغا جىددىي ياردەم كېرەك

باياناتتا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىش كېرەك، ئىگىلىنىشىچە ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق شىمال تەرەپتىن، ئۇيغۇر خەلقى توپلىغان ئىئانە ۋە ياردەم ئەشيالىرى خوتەنگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ دائىرىلەر پۈتۈن ياردەملەرنى خوتەندە توسۇپ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمىغان ۋە دائىرىلەر ئۆزلىرى تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باغداش تور بېتىنىڭ سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت يەر تەۋرەشتە تەسىرگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە 180 چېدىر، 180 يوتقان، 10 مىڭ توننا ئۇن ۋە 100 كۇب لېتىر ياغ ياردەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى رەسمىي تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بۇ ھەقتە خىتاي ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ ئۇ يەرگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ ھەقتە جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلارنى كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىستانبۇلدا ھېچ قانداق ئىئانە ۋە ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرمىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياردەم تەشكىلاتلارنى كېرىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە بېرىپ ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتى ۋە ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم فوندىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا كېرەكلىك دوكلات ھازىرلاپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارالىق يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، كېرىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 455 مىڭ 573 كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى، 60 مىڭ ئېغىز ئۆينىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 11 مىڭ 515 مال-چارۋىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 497 كۆۋرۈك ۋە 113 كىلومېتىر يولنىڭ بۇزۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان 

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close