خەۋەرلەر

دۇنيا ئانا تىل كۈنىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يەسلىلىرى ھەققىدە

Istanbul Zeytinburnudiki ana yil yesli oghuchuliri 009

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى قەدىرلەپ، پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردا ئانا تىلى مەكىتىپى ئېچىپ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە.


دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي قاتارلىق ئىككى رايونىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى مەكتىپى بار بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن 2008 – يىلى ئېچىلغان، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 4ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تەربىيىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.

بىز ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە قۇرئان كۇرسى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خۇرشىدە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. خۇرشىدە خانىم، ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىنىڭ 2008 – يىلى ئېچىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىگەنلىكىنى، ئۆتكەن مەۋسۇم بۇ مەكتەپتە 50 ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇغانلىقىنى، بۇ مەۋسۇم 10 – فېۋرال دەرس باشلىغانلىقىنى، بۇ مەۋسۇم 70 ئوقۇغۇچى دەرسكە قاتناشقانلىقىنى، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا 6 نەپەر ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، دەرس پروگرامملىرىدا، ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش، رەسىم سىزىش، ئادەتتىكى سانلارنى ھېسابلاش، تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئوقۇغۇچىلارغا پات – پات ھەر تۈرلۈك باغچىلارنى ۋە مۇزىيلارنى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سافاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىدە 80 ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇيدۇ

بىز ئىستانبۇل سافاكۆيدىكى ئانا تىل يەسلى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەسلىنىڭ مۇدىرى رەناخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، رەناخانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەسلىدە بۇ مەۋسۇم 80 ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇماقتا ئىكەن ۋە بۇ يەسلىنىڭ 8 ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يەسلىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، يادىلاش، رەسىم سىزىش، ئاددى سانلارنى ھېسابلاش دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈلىدىكەن.

ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشى كېرەك

بىز دۇنيا ئانا تىلى كۈنى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەرئۆز ئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار
ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش كېرەكلىكى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىتىغا ئاسانلا ماسىلىشىپ كېتىدىغان خەۋپ بولغاچقا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئۇزاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئېھتىمالغا تۇلىمۇ يېقىن ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close