خەۋەرلەر

شېھىتلەر كېچىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

شېھىتلەر كېچىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

Shehitler kechisidin kurunushler001

2014 – يىلى 22- فېۋرال شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى فاتىھ ئاكىنجىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن شېھىتلەر كېچىسى پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

ئىستانبۇلنىڭ باكىركۆي ئەخمەت جۈمەرت تەنتەربىيە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە، 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم باشچلىقىدا 20دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا فاتىھ ئاكىنجىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلى ئاكگۇن، مىسىر ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كۆمىتىتىنىڭ كاتىپى دوكتۇر ئابدۇلمەۋجۇت دەردائى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئېچلىش نۇتىقى سۆزلىگەن فاتىھ ئاكىنجىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلى ئاكگۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز تۈركىيىدە ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئەركىنلىكنىڭ يولى شاھادەتتىن ئۆتىدۇ، ئەركىنلىك يولىدا شېھىت بولغان پۈتۈن شېھىتلەرنى ئەسلەيمىز، خاتىرلەيمىز. ئىمپىرىيالىمىزغا ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز، پۈتۈن ئىمكانلىرىمىز بىلەن ئۇلارغا قارشى چىقىمىز. بۇ يولدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز، پەلەستىن ۋە شەرقي تۈركىستاننى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز، ھېچ كىم ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىرىنى باھانە قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان ۋە پەلەستىننى يالغۇز قالدۇرالمايدۇ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ  ئىشغال ئاستىدا قالغان پەلەستىن ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ياردەم قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيى باردۇر.

ئېلى ئاكگۈن ئەپەندى سۆزىدە،  زالىملار بىر خەلقنى يوق ئېتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئالدى بىلەن ئۇ خەلقنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: ئۇ زالىملار بىر خەلقنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئۆلتۈرسە  ئۇ خەلقنىڭ ئۇ جەمئىيەتنىڭ كىشىلىرى زالىملارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي زەنجىرلىرىدىن، ئۆزلىرىنىڭ مەھبۇس بولۇشتىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئۇ زالىملار ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزلەر ئۈمىدلىرىمىزنى ئۈزمەي  شاھادەتكە بولغان ئىشتىياقىمىزنى داۋاملىق جانلىق تۇتۇشىمىز كېرەك.

پائالىيەتتە فاتىھ ئاكىنجىلار تەرىپىدىن شېھىتلەرگە ئاتاپ تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى، يىغىندا ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى مەخسۇس  ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى، فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم چېكىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ فىلىم مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ «مەن ئۆلمىدىم ئۆلمەيمەن كۈرەش ئۆلمەيدۇ»، دېگەن ناخشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان سۆزىدە ئالدى بىلەن شېھىتلەرنىڭ مەڭگۇ ھايات ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركسىتان جۇغراپىيىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىدە،  ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغال ئاستىدا قالغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىشغال قىلىۋالغان 1949 – يىلىدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى شېھىت قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ 2009 – يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامى يۈز بەرگەندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ھازىرمۇ توختىماي شېھىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۈرك – ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈركىيە خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:“ شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئەڭ پاكىز ۋە ئاق كۆڭۈل ساپ ئىنسانلار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ مىللەت بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھېچ ئارام بەرمىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ تاجاۋۇزچىغا قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ».

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سۆزىدە، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەنپەئەت دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسى، تۇرك دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ پۈتۈن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى بولاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« خىتاي دېگەن ئاللاھنىڭ ، پەيغەمبەرنىڭ، ھاياتلىقنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر، شۇنداق تۇرۇپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خىتايغا ئوخشاش ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىنى تونۇماي كەلمەكتە. بىزنىڭ قان ۋە ئىسلامىي قىرىنداشلىرىمىز بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىمەن، دېدى».

يىغىن زالىدا،«قاتىل خىتاي، شەرقى تۈركىستاندىن يوقال»، «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى داۋام قىلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سادالار ياڭرىدى.

 يىغىندا سۆز قىلغان مىسىر ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيىسى تاشقى ئىشلار كومتېتىنىڭ كاتىپى دوكتۇر ئابدۇلمەۋجۇد دەردائى مۇنداق دېدى: شېھىتلەرنى ئەسلىگەن، خاتىرلىگەن ئۈممەت كەلگۈسىنى قۇرالايدۇ، شېھىتلەر كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئەركىن ۋە ئادالەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلىدۇ، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك مەۋجۇتلۇقى بولغان جانلىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك ئىبادەتتۇر، بىزنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆلۈش ئەڭ بۈيۈك ئارزۇيىمىزدۇر، بىزنىڭ يولىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، مىسىردا نەچچە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا مېڭىپ شېھىت بولدى.

3 سائەت داۋام قىلغان يىغىندا تۈرك ياشلار گۇرۇپى تەرىپىدىن شېھىتلەر ۋە شاھادەت توغرىسىدا تەييارلىغان شېئىر ۋە ئىسلامى ناخشىلار تەقدىم قىلىندى.

مۇسا بايتاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close