ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ھەيئىتى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ھەيئىتى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى
تۈركىيىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىر بولغان ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرىسىتىتى شۆبە رەئىسى مەھمەت ئوغان باشلىچقىدا 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتىنى زىيارەت قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر بۇ ھەيئەتنى قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
جەمئىيەت مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى ھەيئىتىگە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدلىكى، ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چېكىدىن ئېشىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ھەيئەتنىڭ باشلىقى مەھمەت ئوغان ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ئۈلكۈچى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مەسلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ھەر زامان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئىپادىلىدى.
ئۇلكە ئوجاقلىرى ھەيئىتى شەرقىي تۈركسىتان داۋاسنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتىگە گۈل – چېچەك ھەدىيە قىلدى.
سەمىمىي سۆھبەت ئىچىدە 2 سائەت داۋام قىلغان بۇ زىيارەت قىزغىن كەيپىيات ئچىىدە ئاخىرلاشتى. ئاخىرىدا ھەيئەت جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەت ھاجىم ۋە مۇساجانلار بىلەن كۆك بايراق يېنىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.