خەۋەرلەر

خىتايدىكى ھۇجۇم ۋەقەسىدە 27 كىشى ئۆلدى 109 كىشى يارىلاندى

China_attack-621x414

خىتايدىكى ھۇجۇم ۋەقەسىدە 29 كىشى ئۆلدى 140 كىشى يارىلاندى
خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە بىر پويىز ئىستانسىدا بىر گۇرۇپ نىقاپلىق كىشىلەر قولىدىكى پىچاقلار بىلەن ئالدىغا كەلگەن كىشنى چېپىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ ۋەقەدە 29 كىشى ئۆلتۈرۈلدى ۋە 140 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇۋا ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە كۈنمىڭ شەھىرىدە بويىزغا بېلەت سېتىش ئورنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ ھۇجۇمچىلار بىلەت سېتىۋېلىش ئۈچۈن قاتارغا تىزىلغان كىشىلەرنى قىلىچ بىلەن چېپىپ 27 كىشىىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 140 كىشىنى يارىلاندۇرغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ نىقاپلانغان 5 كىشى ئىكەنلىكى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن نەخ مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ھۇجۇمچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى. 
بۇ ۋەقە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوخشاش ۋاقىتتا يۈننەننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى يۈننەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېرورلۇق ھۇجۇم دەپ ئېلان قىلدى، ئەمما ھۇجۇمچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى يوشۇردى ۋە نېمە مەقسەتتە بۇ ۋەقەنىڭ سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرمىدى. 
بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنغان رەسىملەرگە قارىغاندا قولىغا كويزا سېلىنغان ۋە يەردە ياتقان بىر جەسەتنىڭ باش قىسىمى خىتايغا ئەمەس ئۇيغۇرغا ئوخشاش كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقەنى كىم ۋە نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىپ ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشىمىز. 
د ت سام ئۈمىد ئۇچقۇن خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close