خەۋەرلەر

خىتاي يۈننەندىكى ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى داۋا قىلدى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر 33 كە

online-pictures-show-doctors-treating-the-injured-1

خىتاي يۈننەندىكى ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى داۋا قىلدى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر 33 كە يارلانغانلار 141 غا يەتتى

خىتاي يۈننەندىكى ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى داۋا قىلدى

يۈننەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 33 كە يارىلانغانلارنىڭ سانى 130 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۈگۈن خىتاي كۈنمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىدا، يۈننەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىسلامى مىلىتان كۈچلەر سادىر قىلدى دېيىلگەن.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلاردىن 4 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 10 گۇماندار تۇتۇلغان.
بۇ ۋەقە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى قاتتىق قايغۇغا سالغان، شى نىڭ قايغۇسى ئۆلگەن ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى رەئىسلىك ھوقۇققا تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت خۇلاسە دوكىلاتىنى بېرىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇغا غەرق بولغان ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ۋەقەدىن كېيىن كۈنمىڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ھەممىمىزگە مەلۇم يۇرتىغا پاتماي ياكى ناھەقچىلىككە ئۇچىراپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار.
خىتاي بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇپ تۈرمىگە قامايدىغانلىقىنىڭ سىگىنالى بەردى.
بۇ ۋەقەدە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر، ھۇجۇمغا ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى بىلدۈردى.
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ پويىز ئىستانسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ بۇنىڭدىن نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ دېگەن سوئالنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىنغاندا، ھەممىمىزگە مەلۇم خىتاي كۆچمەنلەر شەرقىي تۈركسىتاندا بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى ھەر سائەتتە نەچچە مىڭلىغان خىتاي كۆچمەنلەر شەرقىي تۈركىستانغا كۆچىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادى مۇھىتىدا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى قامدىشى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىرىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ھازىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ خىزمەت تاپالماي ئىشسىز قالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر يارشلار مەۋجۇت. بۇ خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشقا ئورۇنلىشىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئېلىشتا ئېغىر شەرتلەرنى قۇيۇپ ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا بۇ خىل ئىككىيۈزلۈمچىلىك سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار نارازى بولسىمۇ ئۇچۇق قارشى چىقالمايۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇت.
يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا چۆمۈلىدەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – مۈلك ۋە ئۆيلىرىنى تارتىۋالدى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاتا – بۇۋىسىدىن قالغان يەر – مۈلىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، بۇنىڭغا نارازى بولىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بار، خىتاي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار بېيجىڭغىچە بېرىپ ئەرز قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىگە ھېچ كىم قۇلاق سالمىدى. ئۇيغۇرلار يەر – مۈلىكىدىن ئايرىپ قالغان ئۇيغۇرلار بۇ ناھەقچىلىككە نارازى بولغان بولسىمۇ ئاشكارا قارشى تۇرالمىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر شەرقىي تۈركسىتاندا نۇرغۇن ياشلار ئاق تاماكا يەنى خىروئىن بىلەن زەھەرلەنمەكتە. بۇ زەھەرنىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا يۈننەن ئۆلكىسىدىن ئېلىپ كېلىنىپ ئۇيغۇر ياشلارنى زەھەرلەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ نوقتىلاردىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ ناھەقچىلىكىگە ئۇچىرىغان يەر – مۈلكىدىن ئايرىىپ قالغان، زەھەرلىك چېكىملىككە مۇبىتىلا بولۇپ قالغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەيدىز كېسىلىگە مۇبتىلا بولغان ئۇيغۇر ياشلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ياشلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققان، دوست – بۇرادەرلىرى ۋە قېرىنداشلىرىدا ئىنتىقام ئېلىش تۇيغۇسى كۈچەيمەكتە. بۇ ۋەقە خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ كۆچۈشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم بولۇشى مۇمكىن چۈنكى بۇ ۋەقە يۈننەندىن شەرقىي تۈركىستانغا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان خىتاي كۆچمەنلەر بېلەت سېتىۋالىدىغان پويىز ئىستانسى ئورۇندا يۈز بەرگەن.
ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئاددى پۇقرادەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ بارماقچى بولغان خىتاي ئاققۇنلار بولۇپ، بۇلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان ئىشغالىيىتىنى قوللاش، ئىشغالىيەتكە ئورتاق بولۇش ، ئىشغالىيەتى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتانغا بارماقچى بولغان  خىتاي كۆچمەنلەردۇر. ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارغا تەھدىت قىلىۋاتقان خىتاي ئىشغالىچىلىرىمۇ ئۆلۈمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېتىش كېرەك. بەدلىنى ئۆتەش كېرەك.
بىر مىللەت زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتكە ئۇچىرىسىا ئۇ مىللەت ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش ھەققى بولىدۇ، بۇلاردىن بىر قسىمى دۇنيادا تېخىچە ئۆلچەملىك بىر ئۇقۇمغا ئايلانمىغان قۇراللىق ھەرىكىتىدۇر. قۇراللىق ھەرىكەتنى بەزى دۆلەتلەر تېرورلۇق دەپ باھا بەرسە بەزى دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە نىسبەتەن تېرورلۇق ئەمەس بەلكى ئەركىنلىك، ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا.
بۇ ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى، بۇ ۋەقەنى خىتاي دائىرلىرى يوشۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىش كېرەك. جان ۋە ماللىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىش كېرەك، جانابى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.
بۇ يازمىنى شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن ئۈمىد ئۇچقۇن تەييارلىدى

 http://uysam.org/uyghur/

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button