خەۋەرلەر

كۇنمىڭ ھۇجۇمىدا 33 كىشى ئۆلدى، 140 كىشى يارىلاندى

6caaba79-0b63-404b-bc2e-43914f8bbe8a

1 – مارت كۈنى كۇنمىڭدىكى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە جەمئىي 33 كىشى ئۆلگەن ۋە 140 نەچچە كىشى يارىلانغان. 

ۋەقە ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ھۇجۇمچىلارئابدۇرېھم قۇربان باشچىلىقىدىكى 8 نەپەر ئۇيغۇر، ئىچىدە ئىككى نەپىرى ئايال. ھۇجۇمچىلاردىن توت نەپىرى ئېتىۋېتىلگەن، 4 نەپىرى ئەسىر ئېلىنغان. خىتاي ۋەقەنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلىدى، ئامېرىكا ۋەقەنىڭ بىر زورۋانلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى ۋە كىشىلەرنى زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تۆۋەندە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچىسىغا ئوخشاش قارا كېيىم كەيگەن، يۈزىگە ماسكا تاقىغان 8 نەپەر ئۇيغۇر، شەنبە كۈنى يەنى 1 – مارت كۈنى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىغا بېسىپ كىرگەن ۋە بېلەت سېتىش ئورنىدا ئۈچىرەتتە تۇرغان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. قوللىرىغا پىچاق ۋە قىڭغىراق ئالغان ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۇجۇمى 4 سائەت داۋام قىلغان. خىتاينىڭ كۇنمىڭدىكى K6 ناملىق تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار ھۇجۇمچىلارنى قوراشاۋغا ئالغاندا، ئۇلار ساقچىلارغىمۇ ھۇجۇم قىلغان، ساقچىخانا باشلىقى جاڭنىڭ بىر بارمىقى كېسىۋېتىلگەن، يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقى بېشىدىن زەخمىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار بىلەن ھۇجۇمچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش پويىز ئىستانسىنىڭ سىرتى ياكى ھويلىسىدىمۇ داۋام قىلغان. يۇقىرىقى تېلىۋىزىيەنىڭ بايان قىلىشىچە، ساقچىلار ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر قىسمىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ھاۋاغا قارىتىپ ئوق ئاتقان ۋە ھۇجۇمچىلارنى قولىدىكى پىچاقنى تاشلاشقا بۇيرىغان، ھۇجۇمچىلار ئارقىسىغا چېكىنمىگەن ۋە ساقچىلارغا داۋاملىق ھالدا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ھۇجۇمچىلارنىڭ 4 نەپىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر نەپەر ئايال ھۇجۇمچىنى يارىدار ھالەتتە ئەسىر ئالغان. قالغان ئۈچ نەپىرى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئەسىرگە چۈشكەن. خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 كىشىلىك بۇ ھۇجۇمچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم قۇربان. ئىككى نەپەر ئايال ھۇجۇمچىدىن بىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش داۋامىدا ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي تەرەپتىن 29 كىشى ئۆلگەن، 140 نەچچە كىشى يارىلانغان بۇ ۋەقە ھەققىدە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ ۋەقەنى ۋەھشى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى ۋە بۇنى «شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىرىنىڭ زورۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدا بۈگۈن خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا پۈتۈن ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىمۇ تۈنۈگۈن ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇردى، ب د ت باياناتىدا ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە، سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئاقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانسىمۇ، تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى«قورقۇنچلۇق ۋە ئەھمىيەتسىز زوراۋانلىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ باياناتىدا ۋەقە تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتالمىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان؛ توردىكى ئىنكاسچىلار، ئامېرىكىنىڭ ۋەقەنى ئەيىبلىشىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەسلىكىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكىنى تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللاندى دەپ ئەيىبلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە خەلقئارا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ۋەقەدە جاۋابكار تەرەپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان. شىۋىتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەركىن پىكىر قىلىشلا ئەمەس، نەپەس ئېلىش يەنى ياشاش پۇرسىتىمۇ بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇشنى توختاتمىسا، تېخىمۇ چوڭ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلاردىن سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۆتكەن يىلى قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي پەيلىنى ئۆزگەرتمىسە بۇ تۈر قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىرىدىمۇ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

كۈنمىڭ قىرغىنچىلىقىدىن سۈرەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە  كىرىڭ

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – شۆھرەت ھوشۇر

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close