خەۋەرلەر

زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت مەركىزى قورۇش تەلەپ قىلىندى

Free Games.lnk

زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن تۈركىستانلىقلار بىلەن جەم بولدى

2014_ يىلى 3_ ئاينىڭ 9 _ كۈنى يەكشەنبە كەچ سائەت 19:00 دا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن زەيتىنبۇرنۇ پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەلقلەر بىلەن قازلى چەشمە مەدەنىيەت مەركىزى ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا جەم بولدى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانلار قاتناشتى. يىغىندا ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى بىر – بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى .

يىغىنغا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن، مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياز ساكا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى باھاددىن ئۇنۋەر ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئاقساللار، ئاممىۋىي خەلقلەر بولۇپ 500گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

31 _ مارت كۈنى تۈركىيىدە يەرلىك ھۆكۈمەت شەھەر باشلىقىنى سايلامى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  زەيتىنبۇرنۇدىكى تۈركىستانلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى شۇنداقلا 10 يىلدىن بۇيان زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇرات ئايدىننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

زەيتىنبۇرنۇ مەجلىس ئەزالىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئارىسىدا تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالەتەن  ئىككى كىشى نامزات كۆرسىتىلگەن بولۇپ بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە بىر تۈركۈم پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەلەپلەردىن مۇھىم بولغىنى، زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى، زەيتىنبۇرنۇ يول ۋە كوچىلىرىنى تۈركىستانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇسۇلدا ياساش ۋە كوچىلاردا تۈركىستانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلرىنى نامايەن قىلىش. تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە بايرام پائالىيەتلىرىنى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ دەستەك بېرىشى. زەيتىنبۇرنۇ مەجلىستىكى تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەكىلىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن سۆز قىلىپ، تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە زەيتىنبۇرنۇ مەجلىسىدە تۈركىستانلىقلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنىڭ كېرەك ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ تەك بېشىغا تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇرات ئايدىننى مەجلىستىكى ۋەكىلى دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇرات ئايدىن يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن، شەرقىي تۈركسىتاندىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئۇ يەردە پەقەت زۇلۇم ۋە بېسىمغا چىدىماي زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دەرت – ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى، زەيتىنبۇرنۇدا مەيلى تۈركىيە پۇقراسى بولسۇن ياكى تۈركىيە پۇقراسى بولمىسۇن ھەر قانداق بىر تۈركىستانلىق كەلسە قارشى ئالدىغانلىقىنى قانداق تەلىپى بولسا ئۇرۇندايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئاخىرىدا تۈركىستان پولۇسى بىلەن زىياپەت بېرىلدى.

مۇسا بايتاش

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close