خەۋەرلەر

خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىدە يۈز بەرگەن پىچاق تىقىش ۋەقەسىدە 6 ئادەم ئۆلگەن

 000a

خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىدە جۈمە كۈنى ئادەم چاناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى ئۇيغۇر ۋە 4 خىتاي ئۆلگەن. ۋەقە جۈمە كۈنى چاڭشا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر ناۋايخانىدا پارتلىغان.

5 كىشى ئىشلەيدىغان ناۋايخانىدا ئالدى بىلەن خېۋىر تۇردى، مەمەت ئابدۇللا ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ناۋاي بىر-بىرى بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، خېۋىر تۇردى مەمەت ئابدۇللا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.

ئارقىدىن خېۋىر تۇردى پىچىقىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىدىكى خىتايلارغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا ئىككى خىتاي كىشى نەق مەيداندا پىچاق يەپ ئۆلگەن، يەنە ئىككىسى يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار قېچىپ كەتكەن خېۋىر تۇردىنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

بىراق، ۋەقەدە زادى قانچە ئادەم ئۆلگەنلىكى توغرۇلۇق ھەر خىل خەۋەرلەر بار.

بەزى خەۋەرلەردە، ساقچىلارنىڭ 2 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسە، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ساقچىلار ئېتىپ تاشلىغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى خىتاي ئىكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ئۇنى خاتا ئېتىپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەۋەرلەردىن ھازىرچە خېۋىر تۇردىنىڭ خوتەن قاراقاشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close