ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

eksen yayincilik ikram sultan2

ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى

ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە  ئەكسەن يايىنجىلىق نەشىرىياتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىپ تاپقان 3 كىشىلىك بىر ھەيئەت جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن ئۇچراشتى.

2014-يىلى 20 – مارت پەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىكرام سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئۈچ كىشىلىك بىر ھەيئەت جەمئىيىتىمىزنى زىيارەت قىلدى.

جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەيئەتنى قىزغىن كۈتىۋالدى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى.  ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يېقىندىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان يەنە ئىكرام سۇلتاننىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ،  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن تۇڭگانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بىر – بىرىگە قارىتا ئوتتۇرىدىكى پىكىر – چۈشەنچىلەر ، ئىجابىي ۋە سەلىبىي قاراشلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ئىكرام سۇلتان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ھەر زامان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ ئۇچرىشىش قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

 

About admin

Leave a Reply