پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 24 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرلەش يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، 24 يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بارىن ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مىللىي ئازادلىقىغا ئاساسى سېلىندى
ئىستانبۇلدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 24 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرلەش يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
1990 ‏- يىلى 5 ‏- ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىىسىدا ئۇيغۇر قەھرىمانى زەيدىن يۈسۈپنىڭ باشچىلىقىدا خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە بېسىملىرىغا قارشى قۇراللىق ئىنقىلاپ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ ئىنقىلاپ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ۋە بۇ ئىنقىلاپقا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن قەھرىمان دەپ نام ئالدى. ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلەر بۇ قەھرىمانلارنى سۈكۈت بىلەن ياد ئەتسە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ كۈندە ئۇ ئىنقىلاپنى ۋە ئىنقىلاپتا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ئەسلەپ، خاتىرلەپ يىغىن، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
2014 ‏- يىلى 4 ‏- ئاپرىل جۈمە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 24 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىنقىلاپتا شېھىت بولغان باتۇر ئوغلانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى ۋە دۇئا – تىلاۋەت قىلىندى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا جەمىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆز قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، 24 يىل بۇرۇن بارىندا مەيدانغا كەلگەن ھەرىكەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىقىغا ئاساس سېلىنغانلىقىنى ۋە خىتاي ئىشغالىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە بارىن قۇراللىق ھەرىكىتى باستۇرۇلغان بولسىمۇ بۇ ھەرىكەتتىن ئىلھام ئالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ئوچقۇنى چاقنىتىپ نۇرغۇنلىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، بارىن ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان قەھرىمان شېھىتلەرنىڭ قېنىدىن بىخ ئۇرۇپ چىققان ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ يېزىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپلىگەن ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان جەمئىيەت باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، بۇنىڭدىن 24 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بارىن قۇراللىق ھەرىكىتىنى خاتىرلەش، بۇ ھەرىكەتتە شېھىت بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا – تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا، دىنى ئالىم ئىبراھىم قارىم بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلار ۋە شاھادەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئىبراھىم قارىم سۆزىدە، زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق سۆزنى دېيىشنىڭ ئەڭ ئالى جىھاد بولىدىغانلىقىنى، بارىن قەھرىمانلىرى ئەنە شۇلاردىن بولۇپ زالىم خىتاينىڭ كۆزىگە خەنجەر بولۇپ قادالغانلىقىنى ۋە شېھىت بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا شېھىتلەرنىڭ قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەننى ۋە ئاقتۇ تاغلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇنداقلا بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئەھمىيىتى ۋە غايە – مەقسەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
3 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىسىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ:

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button