شۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىى توغرىسىدا يىغىن ئېچىلدى

14-04-16-10

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى» بىلەن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 16- ئاپرىل كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.
يىغىن 16- ئاپرىل چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 دىن 16:00 گىچە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ يىغىنغا، شىۋېتسىيەدە ھۆكۈمەت تۇتۇۋاتقان ئوڭچى پارتىيىدىن سېدات دوغرۇ، شىۋېتسىيە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياسرىخان، تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ياۋروپا تۈرك قېرىنداشلار بىرلىكى» نىڭ ۋەكىلى رافىت جاندېمىر، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن مېھمانلار، تۈركىيىدىن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ ھەيئەت ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.
يىغىنغا شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارلامېنتتىكى گورۇپ باشلىقى، شۇنداقلا شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمەت قاپلان رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. نىجات تۇرغۇن سۆزگە چىقىپ، يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلانغا رەخمەت ئېيتتى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئاۋۇستىرالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئابدۇغېنى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
سۆزگە چىققان ئابدۇسالام ئابدۇغېنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى، تۇتقۇن قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۈرمىلەرگە سولاش، شۇنداقلا 24 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان دىنىي زات ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەلۇمات بېرىشتىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەييارلاپ كېلىنگەن تورت ۋە باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالاندى.

About admin

Leave a Reply