خەۋەرلەر

شىۋېتسىيەدە ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىن چاقىرىلدى

دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسى، دىنى، مىللى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

AW066880

دىنى ئالىم ئابدۇسالام ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسى، دىنى، مىللى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2014- يىلى 18- ئاپرىل جۈمە كۈنى كەچتە، شۋېتسىيەدىكى تۈرك جەمئىيەتلىرىدىن تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن شەرقى تۈركىستان ناملىق يىغىن چاقىردى.
يېغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. قۇرئان تىلاۋىتىدىن كىيىن، تەقۋا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇنجاي قاپلان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئىسلام ئەللىرى قەلبىدە ئۇنتۇلغان تۈركىستان مەسىلىسگە ھەر دائىم كۈڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاخىرغا قەدەر ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە شەرقى تۈكىستانلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
بۇ پائالىيەتتە ئاۋۇسترالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئەپەندى شەرقى تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بەردى. يىغىندا ئابدۇسالام ئەپەندى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان تۈركچىگە تەرجىمە قىلدى.
ئۇ، ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇ زىمىندا يىتىشىپ چىققان ئالىملار ھەققىدە مەلۇمات بىرىپ ئۆتكەندىن كىيىن، تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى، شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەر ۋە بۇ ھۈكۈمەتلەرنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئاخىرقى قېتىمقى خىتاي ئىشغالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئابدۇسالام ئەپەندى سۆزىدە خىتاي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسى، مىللى، دىنى، ئىقتىسادى ھەتتا ئىنسانى جەھەتتىن ھەقلىرنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي تەرىپىدىن سىستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆچمەن يوتكەش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتنىدە سان جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، سۆزىنى تۈركىيە ھۈكۈمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھىسداشلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.
يىغىن ئاخىرىدا شىۋىتسىيە پارلامىت ئەزاسى ۋە شىۋىتسىيە پارلامىتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپىسىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد قاپلان سۆز قىلدى. قاپلان سۆزىدە پارلامىتتىكى ئۇيغۇر دوسلۇق گۇرۇپىسى ھەققىدە مەلۇمات بىرىش بىلەن بىرگە، شېۋىتسىيەدىكى تۈركلەرنى تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
يىغىن، يېغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىش بىلەن ئاخىرلاشتى. يىغىن ئاخىرىدا بىر گۇرۇپ تۈرك بالىلار كېلىپ يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا گۈل – چېچەك ھەدىيە قىلدى.

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا بىر گۇرۇپ ئاياللار ئۇيغۇر مېھمانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدا قانداق ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سورىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close