خەۋەرلەر

خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار كۆرگەزمە ئېچىلدى

xelqara-oqughuchilar-uchrishish-paaliyiti-4

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار كۆرگەزمە ئېچىلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت 2014-يىلى 10-12-ماي ئارىسى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئېمىنئۆنۈ مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەت ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىشى ۋە لېنتا كېسىشى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەت مەيدانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئايرىلغان چېدىرغا كۆرگەزمە ئاچتى. كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرى، ئەر-ئايالچە چىمەن دوپپا، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرغان چوڭ ھەجىملىك رەسىملەر قويۇلدى.

پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان ساما گۇرۇپپىسى ناغرا-سۇناي بىلەن ساما ئۇسۇلى ئوينىدى.

بۇ يىل 7-قېتىملىقى ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىزمىر، ئىستانبۇل قاتارلىق 20 شەھىرىدە ئوخشاش ۋاقىتتا باشلاندى. 3 كۈن داۋام قىلىدىغان خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتىدە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 103 دۆلەتتىن، 55 مىڭ ئوقۇغۇچى بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

بۇ پائالىيەتتە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك مېھمان ئوقۇغۇچىلار چېدىر قۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەتنىڭ مەقسىتى، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك مېھمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەتلىرىنى تۈركىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەت باغلاش شۇنداقلا ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر يەردە ياشاش ئىمكانىيىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

خەلقئارا ئوقۇغۇچى جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان بۇ پائالىيەت ئىستانبۇلنىڭ ئېمىنئۆنۈ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ قاتارلىق ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ساھەسىگە مەنسۇپ ئەمەلدارلىرى شۇنىڭدەك بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى ۋە كۆپ ساندا يەرلىك ۋە چەتئەللىك مېھمان ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇگاندا، مالايشىيا، كاۋكازىيە خەلق سەنئەت ئۈلگىلىرى كۆرسىتىلدى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان 6 كىشىلىك ساما گۇرۇپپىسى ناغرا-سۇناي بىلەن ساما ئۇسۇلى تەقدىم قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئىستانبۇلدا ئوقۇغان چەتئەللىك مېھمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن مەدەنىيەت ئەلچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز دۆلىتىدە بىردىن تۈركىيە ئەلچىسى بولىدۇ. مېھمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ ئېشىشى كېرەك. بۈگۈنكى يامغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بەرىكىتىنىڭ بېشارىتىدۇر. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا ئوقۇغۇچى جەمئىيەتلەر فېدېراتسىيەسى قاتارلىق 25 خەلقئارالىق جەمئىيەت ۋە بۇ جەمئىيەتلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئىدارە ۋە ئورگانلارنى تەبرىكلەيمەن.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان خەلقئارا ئوقۇغۇچى جەمئىيەتلەر فېدىراتسىيەسى رەئىسى مەھمەت بولات ئەپەندى سۆزىدە بۇ يىل 7-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ھەر يىلى كېڭىيىپ ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كېيىن ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ بىر گۇرۇپپا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار سەھنىگە چوڭ ھەجىملىك بىر لەۋھەنى كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ، لەۋھەگە «مەن چەتئەللىك ئەمەس مېھمان ئوقۇغۇچى» دېگەن خەت 72 تىلدا يېزىلغان.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن دوكتور مۇرات ئورخۇن ۋە مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ياخشى بىر پۇرسەت بولغانلىقىنى ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغان بىر كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات سورىغان كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close