خەۋەرلەر

خىتاي قەشقەردە 5 ئۇيغۇرنى سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ قاماققا ھۆكۈم قىلدى

5Uyghur-kamakka-hokum-qilindi
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتى چارشەنبە كۈنى بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ مەھكۇم قىلغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنى، 5 يىللىقتىن 15 يىللىققا قەدەر قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. چەتئەلدىكى بەزى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتكۈل ئەدلىيە سىستېمىسى ئېغىر سىياسىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر سىياسىي دېلونى ئادىل سوتلاش ئېھتىماللىق يوق.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بەشەيلەن مەزمۇنى كىشىلەرنى «جىھادقا، ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا بېرىپ جىھادقا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىش» قا چاقىرىدىغان ماتېرىياللارنى تارقىتىش، «بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق» قىلىدىغان ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە ۋىدېئولارنى يۈكلەش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خەۋەردە يەنە، ئۇلارنىڭ رادىكال دىنىي ئىدېئولوگىيىلەرنى تارقىتىش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىز دېلو ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومغا تېلېفون قىلدۇق. ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتتا تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. لېكىن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا سوتنىڭ 5 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان قارارى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى، پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى.
ئۇ: بۇ ئىشلاردىن بىزنىڭمۇ بەك ئوچۇق-ئاشكارا خەۋىرىمىز يوق. ناۋادا، بۇ ئىش توغرىلىق ئازراق خەۋەرگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، سىز كېلىپ مۇشۇ ئىشخانىدىن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كادىرلىرىمىزدىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇ ئىش توغرىلىق قانائەتلىنەرلىك جاۋابنى بىز بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز، دېدى.
قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىپ، قەشقەردە ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى باستۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
چەتئەلدىكى بەزى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە پۈتكۈل ئەدلىيە سىستېمىسى ئېغىر سىياسىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا ھەر قانداق بىر سىياسىي دېلونى ئادىل سوتلاش ئېھتىماللىق يوق.
ئەنگلىيەدىكى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى، پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، قەشقەردىكى سوتتا قانۇنى تەرتىپ، خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق سوتنى ئادىل، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا سىياسىي مەسىلىلەرنى، سىياسىي قارشىلىقلارنى جىنايى ئىشلار كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇملاشقان بولسا، ھازىر سىياسىي قارشىلىقنى تېررورلۇق كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ جازالاۋاتىدۇ. بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىنتېرنېت تېررورىزمى، دەيدىغان بىر ئۇقۇم چىقتى. ئاددىيسى، بىر تورغا كىرىپ، بىر نەرسە ئاڭلىغانلىقى ياكى كىرگەنلىكى ئۈچۈنمۇ تېررورلۇق قانۇنى ياكى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالاۋاتىدۇ. دېمەك، خىتايدا قانۇن ۋە قانۇن ماددىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، مەسىلەن، جىنايەت خاراكتېرىنى ئېنىق بېكىتمەسلىك، قايسى ماددىدا ئېغىر جازالاش ئىمكانىيىتى بولسا، شۇنىڭغا تەتبىقلاش ئەۋج ئالغان. دېمەك، خىتاينىڭ قانۇنى رېزىنكىگە ئوخشايدۇ. قايسى تەرەپكە سوزسىڭىز شۇ ياققا كېتىۋېرىدۇ. ئادۋوكاتسىز، خەلقئارالىق ئۆلچەمسىز ئېلىپ بارغان بۇنداق سوتلاشلارنى ھەق، ئادىل بولغان سوت، دەپ قارىمايمەن.
قەشقەردىكى ئوچۇق سوتقا يەرلىك كادىر ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندا زالدىكى ئامما چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىغان. يىغىن زالىدىكى ئاممىنىڭ چاۋاك چېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ياكى ئۆزلۈكىدىن چاۋاك چالغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، سوتنى بۇنداق سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ خىتاي ئىمزالىغان خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي قانۇنىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئاتالغۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە باشقىلار. ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، بۇ خىل جىنايەتلەرنى قارا-قويۇق ئىشلىتىپ، ئادەم جازالاش. چۈنكى، خىتاي قانۇن تۈزگەندە شۇنداق بوشلۇقنى قالدۇرۇپ قويغان. مەسىلەن، 5 يىلدىن 10 يىلغىچە جازالايمىز، 5 يىلدىن 3 يىلغىچە جازالايمىز، دەپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، ئادالەت ياكى دىنىي ئېتىقادقا ئوخشاش نەرسىلەرگە چېتىشلىق بىرەر ئۇيغۇر قولغا ئېلىنىپ قالغان بولسا، 3 يىل جازالانماي، 8 يىل تۈرمىگە قامىلىدۇ. بۇنى خەلقئارا ئۆلچەمگە قويغىلى بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى سوت مەيدانىدا چاۋاك چالدۇرۇش، بۇ ئۇ قەدەر ئەھۋالكى، گىتلېر گېرمانىيەسىمۇ ئۇ قەدەر قىلمىغان. بۇ، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ، خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە، خىتاي ئىمزا قويغان بارلىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ.
بىراق بۇ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي مەھبۇسلىرىنى سوتلىغاندا ئەيىبلەنگۈچىنىڭ ھەق-ھوقۇقى، قانۇن تەرتىپ ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەمەس.
خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننى قاماققا ھۆكۈم قىلىش، ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش، دىنىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلىنىڭ قاماق جازاسىنى داۋاملىق ئۇزارتىش، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىش قاتارلىق ئۇيغۇر دىنىي، سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ئالاقىدار بارلىق دېلولاردا، ئىزچىل قانۇن تەرتىپكە ئەمەل قىلماسلىق، ئادىل سوتلىماسلىق، مەھبۇسلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.
ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي مەھبۇسلىرىنى سوتلىغاندا قانۇننى سۇيىئىستېمال قىلىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر خەلقىدە خىتاي ئەدلىيەسىنىڭ ئادىللىقىغا ھەقلىق ھالدا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغان. ئۇ، ھەربىي باستۇرۇش، قانۇننى مەجبۇرى تەتبىقلاش ۋە ئېغىرلاشتۇرۇش مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مىللىي، دىنىي مەسىلە باستۇرۇش بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەزىز ئەيسا مۇنداق دېدى: قانۇن قۇرۇلۇشىدا خىتاي خەلقئارا ئۆلچەمدىن تېخى يىراق. خىتاي گەرچە قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمىز، دېگەننى يامان بەك تەكىتلەيدىغان بولدى. بىراق ئۇلار قانچە كۆپ تەكىتلىگەنچە، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسى دەيمىز ۋە «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دەيمىز 2009‏- يىلدىكى، خىتاي باستۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ كەلدى، ۋاقىتلىق. ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ئەكسىچە بولىدۇ. خىتاي ئۇنىڭدىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە، تېخىمۇ ئۆچمەنلىك، تېخىمۇ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى، مىللىي مەسىلە تارىختىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولسۇن، قورال كۈچى بىلەن ھېچقانداق دۆلەت ھەل قىلالمىدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئۇلارنىڭ ئىسمى، كەسپىي، ياش-قۇرامى، ئائىلە ئەھۋالى، ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەتنى قوبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقى، ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى، ئۆزىنى قانداق ئاقلىغانلىقى، ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى قىلىش نىيىتى بار-يوقلۇقى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغان.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close