خەۋەرلەر

ئاقسۇ شەھىرىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئۇيغۇر ياش ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىرى تۇتقۇن قىلىنغان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن گۇماندارلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى شەھەر پۇقرالارنىڭ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن «گۇمانلىق» دەپ قارالغان بىر كىچىك ماشىنىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن. نەتىجىدە قوراللىق ساقچىلار بىلەن مەزكۇر ماشىنىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ياش ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىككى ئۇيغۇر ياش تۇيۇقسىز پىچاق كۆتۈرۈپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ساقچى ئاپتوموبىلىغا پارتلاتقۇچ بۇيۇم تاشلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. ساقچىلار بىر ئۇيغۇر ياشنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. يەنە بىر ئۇيغۇر ياش قولىدىكى پىچاق بىلەن بىر ساقچىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان ھەمدە نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىمۇ «تەڭرىتاغ تورى» تارقاتقان ھۆكۈمەت ئۇچۇرىغا ئاساسەن بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ ۋەقەنىڭ 30-ماي ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىنكى يەنە بىر قانلىق ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئىسلام رادىكاللىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

«ئۇيغۇر نېت» تورىدا بۈگۈن ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە باشقىچە خەۋەر بېرىلگەن.

ئۇنىڭدا بايان قىلىشىچە، ئاقسۇدىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈپ، يولۇچىلارنى بىرمۇ-بىر ئاختۇرغان. بۇ جەريانىدا ساقچىنىڭ قوپاللىقىدىن نارازى بولغان بىر ئۇيغۇر ياش قول شىلتىگەنلىكى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن يەنە بىر ئۇيغۇر ياش قارشىلىق كۆرسىتىپ قوراللىق خىتاي ساقچىغا پىچاق تىققان ھەمدە ئۆزىمۇ ئېغىر يارىلانغان. ساقچىلار ئېغىر يارىلانغان بۇ ياشنىڭ پۇت قولىنى باغلاپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن. پىچاق تىقىلغان خىتاي ساقچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئاپتوبۇستىكى باشقا يولۇچىلار بىردەك ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدى. ۋەھالەنكى، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي ساقچى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئارقىدىن ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئاھالىلەردىن بىرىگە تېلېفون قىلغاندا،  ئۇ ئۆزىنىڭ نەق مەيداننى كۆرمىگەنلىكىنى، ئەمما باشقىلاردىن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«بۈگۈن بىر ئۇيغۇر بالىنى ئېتىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. قارىغاندا ساقچىلار بىلەن تۇتۇشقان ئوخشايدۇ. بىر ساقچىنىڭ بىلىكىگە پىچاق تىقىپتۇ دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىدۇق. مەن نەق مەيداننى كۆرمىدىم. مۇشۇ ئەتراپتا بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار. ئۇ يەردىكى دۇكاندا بىر ئاچىمىز ئىشلەيدۇ. ئۇ ئاچىمىزنىڭ سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ساقچىخانىدا ئىشلەيدىكەن. شۇ ئاچىمىزدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدىم. بۈگۈن كەچقۇرۇن ئاغىنە بالىلارمۇ بۇ ۋەقەنىڭ ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى داشىزى دېگەن جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى دېدى. ھازىر ئاقسۇنىڭ ۋەزىيىتى چىڭ، مەسچىتلەرنى تەكشۈرۈپ كىملىك كۆرۈۋاتىدۇ. ساقال قويغانلارنىمۇ سۈرۈشتە قىلىۋاتىدۇ دەيدۇ. مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم شۇنچىلىك.»

بىز يەنە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن قوشنا بولغان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە تەۋە توقاي ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر ساقچى بۇ ۋەقەنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مەركىزى داشىزىدا بۈگۈن سائەت 11 ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى:

مۇخبىر: بۇ توقاي ساقچىخانىمۇ؟
ساقچى: ھە-ئە، شۇنداق!

مۇخبىر: بۈگۈن ئاقسۇدا ۋەقە يۈز بەردىمۇ؟
ساقچى: ئۆزىڭىز كىم بولىسىز، قەيەرنىڭ ئادىمىسىز؟

مۇخبىر: مەن «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى، ۋەقە قەيەردە يۈز بەردى؟
ساقچى: داشىزىدا.

مۇخبىر: ساقچى ماشىنىسىغا پارتلاتقۇچ بۇيۇم تاشلاپتۇ دېگەن گەپ راستمۇ؟
ساقچى: ياق، ئۇنداق ئەمەس.

مۇخبىر: بىرسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى دېگەن گەپچۇ؟
ساقچى: راست، بىرسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

مۇخبىر: قالغانلارچۇ؟
ساقچى: يەنە بىرىنى تۇتۇپتۇ.

مۇخبىر: ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى كىمكەن؟
ساقچى: بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.

مۇخبىر: بومبا پارتلاپ پۇقرالار زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۆلۈم-يىتىم بولغان ئىش بارمۇ؟
ساقچى: ياق، ئۇنداق ئىش يوق.

مۇخبىر: بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دەپ باقامسىز؟
ساقچى: بىزگە تېخى ئېنىق ئۇچۇر كەلمىدى، ئېنىق خەۋىرىمىز يوق، تەپسىلاتىنى ئاقسۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

مۇخبىر: ھازىر ئاقسۇنىڭ ۋەزىيىتى قانداقراق؟
ساقچى: بىزنىڭ بۇ ساقچىخانا ئالار شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە قارايدۇ. ئالاردا ۋەزىيەت تىنچ، ئاقسۇدىكى ۋەقە تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ھازىرچە بىر ئادەمنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، يەنە بىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئېنىقكەن، بۇندىن باشقا ئەھۋال يوقمۇ؟
ساقچى: يوق، باشقا ئەھۋالنى ئۇقمايمىز.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- شۆھرەت ھوشۇر

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close