خەۋەرلەر

ئۈچ خىتاي ئەمەلدارنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلارنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكى كېڭەيتىلگەن

27-ئاپرېل كۈنى قاغىلىقتا 3 خىتاي ئەمەلدارنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى كۆلگە تاشلىۋەتكەن گۇماندارلارنى، خىتاي ساقچىلىرى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تاپالمىغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش سەپەرۋەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
6fd021d4-f61a-4c76-b5db-16c0cd15ced6
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر ۋەقە يۈز بەرگەن جاڭگىلىئەسكى يېزا ساقچىخانىسى ۋە لەڭگەر كەنت پارتكوم سېكرېتاردىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە تەكشۈرۈش ئوبيېكتى دەسلەپكى 9-كەنتتىن 7- ۋە 8-كەنتلەرگە كېڭەيتىلگەن. دېلو پاش قىلىشقا قاغىلىقتىكى پېنسىيىگە چىققان ساقچىلارمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەندىن باشقا، ئەتراپتىكى دېھقانلارمۇ سەپەرۋەر قىلىنغان. دېھقانلار گۇماندارلارغا ئائىت نەرسە-كېرەكلەرنىڭ تېپىلىشى ئۈچۈن، ۋەقە يۈز بەرگەن كۆككۆليارى كۆلىنى قۇرۇقدىغان. دائىرىلەر گۇماندارلارنى تۇتۇش بۇيرۇقىدا 100 مىڭ يۈەن سۆيۈنچىگە ۋەدە بەرگەن. بۈگۈن يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر گۇماندارلارنى ئىزدەش ۋە تۇتۇش دولقۇنى پەيزىۋات ناھىيىسىدىمۇ داۋام قىلغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۈگۈن بايان قىلىنىشىچە مەزكۇر گۇماندارلارنى ئىزدەش ۋە تۇتۇش دولقۇنى پەيزىۋات ناھىيىسىدىمۇ داۋام قىلغان؛ يەنە بايان قىلىنىشىچە خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈن قاغىلىقنىڭ يېتىملۇقۇم يېزىسىدا 2 نەپەر، شېھىدلىك دېگەن جايىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؛ ئەمما بۇ ئۇچۇر تېخى رەسمىي دائىرىلەر ياكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close